ناتو شەرققە كېڭىيىشكە يۈزلەندى
2008.04.02
رومانىيىدە ئېچىلغان ناتو دۆلەتلىرىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىشىغا 26 ناتو دۆلىتىدىن باشقا يەنە 40 تىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى قاتناشتى. بۇ ناتو دۆلەتلىرى تارىخىدا ئەڭ چوڭ ئۇچرىشىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا ئۇكرائىنىيە ۋە گروزىيىنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشى قارار قىلىنىدىكەن. بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا يەنە، بالقان دۆلەتلىرىدىن كېرۇدىيە، ئالبانىيە، ماكىدونىيىلەرمۇ ناتوغا ئەزا بولۇش ئارزۇيىنى ئىپادىلىگەن.
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش رومانىيىنىڭ پايتەختى بۇخارىستتا ئېچىلغان بۇ چوڭ ئۇچرىشىشتا قىلغان سۆزىدە، ئامېرىكىنىڭ ناتو سىياسىتىنى ئاشكارىلاپ، گروزىيە ۋە ئوكرائىنىيىنىڭ مۇستەقىل ئىگىلىك ھوقۇققا ئىگە دۆلەت بولغانلىقىنى قىزغىن قارشى ئالغان ۋە ناتو دۆلەتلىرىنى ئافغانىستان ئۇرۇشىنى ئاداققىچە ئېلىپ بېرىشقا چاقىرغان. شۇنداقلا رومانىيە خەلقىنىڭ ياۋۇزلۇققا قارشى باتۇرلۇق بىلەن كۆرەش قىلىپ، كوممۇنىزم مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنى ئۆزگەرتىپ، ئاخىرى ئۆز دۆلىتىنى ئەركىن دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىققانلىقىنى مەدھىيىلىدى ۋە بۇ باتۇر خەلقنى ھازىر گروزىيە ۋە ئوكرائىنىيىدەك ناتوغا ئەزا بولۇش پۇرسىتىگە ئىگە، دېگەن.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، رۇسىيە بۇ قېتىم ناتونىڭ شەرققە كېڭىيىشىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ياۋروپا پارلامېنت ئەزالىرى رابىيە قادىر خانىمنى قوللاش ھەققىدە مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلدى
- پۇتىن "شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى ب د ت نىڭ ئورنىنى ئالماقچى،" دېدى
- رۇسىيە: خىتايلارنىڭ رۇسىيىدە خىتاي رايونى پەيدا قىلىشىغا قەتئىي يول قويۇلمايدۇ
- رۇسىيىنىڭ خىتايغا قاراتقان قورال - ياراق ئېكسپورتى چېكىنىش باسقۇچىدا تۇرماقتا
- رۇسىيە - خىتاي سودىسى رۇسىيىگە پايدىسىز بولماقتا
- ياۋورپا پارلامېنتى خىتايدىن ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان دەپسەندىچىلىكنى دەرھال ئاياغلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى
- ناتو بالقان رايوندا زوراۋانلىقىنىڭ قايتىلىنىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى
- رۇسىيىدە پرېزىدېنت سايلاش پائالىيىتى رەسمىي باشلاندى
- شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى كۈچلىرى تالىبانلار بىلەن يېڭى بىر مەيدان جەڭ قىلدى
- رۇسىيە قىسىملىرى ئەگەر ناتوغا ئەزا دۆلەتلەردىن چىقىپ كەتمىسە، ناتو ئەمدى بۇرۇنقى كېلىشىمنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ
- رۇسىيە كوللېكتىپ بىخەتەرلىك كېلىشىمىگە ئەزا دۆلەتلەرگە ئەرزان باھادا قورال-ياراق سېتىپ بېرىدۇ









