نەزەربايېفنىڭ كۈيئوغلى راخات ئەلىيىف، ئاۋستىرىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن ئۇنى قازاقسىتانغا قايتۇرۇپ بەرمەسلىكىنى تەلەپ قىلدى

قازاقىستان دائىرىلىرى تەرىپىدىن قازاقىستاننىڭ نۇربانك بانكىسىنىڭ سابىق ئىككى خادىمىنىڭ گۆرۆگە ئېلىنىش ۋەقەسى بىلەن چېتىشلىق دەپ ئەيىبلەنگەن ئەلىيىف، ئۆتكەن ھەپتە قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇر سۇلتان نەزەربايىف تەرىپىدىن قازاقىستاننىڭ ئاۋىستىرىيىدىكى باش ئەلچىسى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان ئىدى. ئۇ ئاۋستىرىيە ھۆكۈمىتىدىن سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلغان بولۇپ، ئاۋستىرىيە ھۆكۈمىتى يەكشەنبە كۈنىگىچە، ئەلىيىفنى قازاقسىتانغا قايتۇرۇپ بېرش- بەرمەسلىك توغرىسىدا قارار بېرىدىكەن.

ئاۋىستىرىيە ساقچى دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۈمە كۈنى ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان ئەلىيىفنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ناچارلاشقان بولۇپ، شەنبە كۈنى دوختۇرخانىغا ياتقۇزۇلغان.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى شەنبە كۈنى ئاۋىستىرىيە ھۆكۈمىتىدىن ئەلىيفنى قازاقىستانغا قايتۇرۇپ بەرمەسلىكىنى تەلەب قىلدى.

راخات ئەلىيىف، پرېزىدېنت نۇر سۇلتان نەزەربايئېفقا قارشى چىقىپ، 2012‏- يىلى قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلىدىغان پرېزىدېنت سايلىمىدا ئۆزىنى نامزات قىلىپ كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقى ئۈچۈن، قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ نەزەربايېفنىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن ئۇنىڭ ھەققىدە تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغانلىقىنى بايان قىلماقتا.

پرېزىدېنت نۇر سۇلتان نەزەربايېفنىڭ چوڭ قىزى دارىغا نەزەربايىۋانىڭ يولدىشى بولغان ئەلىيىفنىڭ 2001‏- يىلى نەزەربايېفنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىقى گۇمان قىلىنماقتا. ئۇ فېۋرال ئېيىدا قازاقىستان نۇربانك بانكىسىنىڭ سابىق ئىككى خادىمىنىڭ گۆرۈگە ئېلىنىش ۋەقەسىدىن كېيىن، قازاقىستان مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋەزىپىسىدىن ئېلىنىپ، قازاقىستاننىڭ ئاۋىستىرىيىدىكى باش ئەلچىسى ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن ئىدى. (ئۆمەر قانات)