ياپونىيە ھۆكۈمىتى چارشەنبە كۈنى شەخسىي شىركەتلەرنىڭ تالاش-تارتىشتىكى شەرقىي دېڭىز ساھىلىدا نېفىت قىدىرىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ رايونلارنى ئۆزىنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىگە تەۋە دەپ قارايتتى.
توكيونىڭ بۇ باياناتى خىتايدا ياپونىيىنىڭ تارىخ دەرسلىكىكە قارشى ئېلىپ بېرىلغان كەڭ-كۆلەملىك نامايىشىدىن كېيىن چىقىرىلغان بولسىمۇ، ئەمما ياپونىيە باش مىنىستىرى جۇنىچىرۇ كويزۇمى بۇنىڭ خىتايدىكى نامايىش بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوقلىقىنى بىلدۈردى. نۆۋەتتە ئانالىزچىلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا تېخىمۇ نارازىلىق بىلدۈرۈشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلماقتا.
شەرقىي دېڭىز ساھىلى ياپونىيە بىلەن خىتاي ئىزچىل تالىشىپ كېلىۋاتقان رايونلار بولۇپ، ياپونىيە ئىلگىرى كۆپ قېتىم خىتاينىڭ بۇ جايلاردا ئېلىپ بېرىۋاتقان نېفىت قىدىرىش ئىشلىرىنىڭ ياپونىيە تېررىتورىيىسىگە كىرىپ كەتكىنىگە قارشى چىققان ئىدى. بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا پىسەنت قىلمىدى.
ياپونىيە شىركەتلىرى بولسا 1960 - يىللاردىن باشلاپلا بۇ رايونلاردا نېفىت قىدىرىشنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن بولۇپ، لېكىن ياپونىيە ھۆكۈمىتى بۇ رايونلار تالاش-تارتىشتىكى جايلار بولغانلىقى ئۈچۈن، ياپونىيە شىركەتلىرىنىڭ تەلىۋىنى قوبۇل قىلمىغان ئىدى. (پەرىدە)