رۇسىيە بىلەن خىتاي قازاقىستاننىڭ نېفىتىنى تالاشماقتا

رۇسىيىنىڭ ئەڭ چوڭ لۇكئويىل نېفىت شىركىتى بىلەن خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىگىدىكى خىتاي نېفىت تەبىئىي گاز شىركىتىنىڭ قازاقىستان نېفىتىنى تالىشىش كۆرىشى ئۆتكەن ھەپتە بىر قەدەر جىددىيلەشتى. شۇنداقلا ھەر ئىككىلا تەرەپ قازاقىستاننىڭ نېفىت بايلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئادۋوكات تۇتقان.

رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ئارىسىغا جايلاشقان قازاقىستان، كاسپىي دېڭىزى رايونىدىكى نېفىت زاپىسى ئەڭ يۇقىرى جاي بولۇپ، بۇ رايون ھەتتا دۇنيا سودا بازىرىدىكى خام نېفىت بىلەن تەمىنلەش يوشۇرۇن كۈچى ئەڭ چوڭ بولغان رايوندۇر.

خىتاينىڭ نېفىتكە جىددىي ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن، كانادا سوت مەھكىمىسى ئۆتكەن ھەپتە كانادانىڭ قازاقىستاندىكى پېترو- قازاقىستان نېفىت شىركىتىنى خىتاي نېفىت تەبىئىي گاز شىركىتىگە سېتىپ بېرىشنى قارار قىلغان ئىدى. ئەمما بۇ سودا رۇسىيە لۇكئويىل شىركىتىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى.

قازاقىستاندىكى تۇرغاي نېفىت شىركىتى، رۇسىيىنىڭ لۇكئويىل نېفىت شىركىتى بىلەن مەزكۇر پېترو-قازاقىستان شىركىتىنىڭ ئاسىتىدىكى بىر تارماق شىركەت بولۇپ، شۇڭا لۇكئويىل تۇرغايدىكى ئۈستۈنلۈكىدىن پايدىلىنىپ، خىتاينىڭ پېترو-قازاقىستاننى سېتىۋېلىشىغا قارشى تۇرغان ئىدى.

نۆۋەتتە خىتاي نېفىت تەبىئىي گاز شىركىتى پېترو-قازاقىستاننى سېتىۋالغاندىن كېيىن، خىتاي تۇرغاينىڭمۇ 50% پېيىغا ئېرىشىدىكەن. (پەرىدە)