خىتاينىڭ CITIC شىركىتى قازاقىستاندىكى كانادا نېفىت شىركىتىنى سېتىۋالماقچى
2006.10.27
دۆلەت كونتروللىدىكى خىتاي خەلقئارا ھەسسىدارلىق ۋە مەبلەغ سېلىش شىركىتى كانادا دۆلەتلىك ئېنېرگىيە شىركىتىنىڭ قازاقىستاندىكى قاراجانباس نېفىتلىكىنى سېتىۋېلىشكە 1 مىليارد 900 مىليون دوللار باھا قويدى. لېكىن بۇ سودا كانادا نېفىت شىركىتى پاي چېكلىرىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتۈشى كېرەك. ئەگەر كانادا ۋە قازاقىستان ھۆكۈمەتلىرى بۇ سودىنى تەستىقلىسە، بۇ خىتايلار سېتىۋالغان 3 - چوڭ چەتئەل نېفىت ئەسلىھەسى بولۇپ قالىدۇ.
كانادا دۆلەتلىك ئېنېرگىيە شىركىتىنىڭ 76 % پاي چېكىنى كونترول قىلىدىغان ئېكولو مەبلەغ شىركىتى قازاقىستاندىكى كانادا نېفىتلىكىنى خىتايغا سېتىشقا قىزىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. بۇ سودا بۇ يىل 12 - ئايغىچە بىر تەرەپ بولۇشى مۇمكىن.
كانادا دۆلەتلىك ئېنېرگىيە شىركىتىنىڭ قازاقىستاننىڭ قاراجانباس نېفىتلىكىدىن كۈنىگە 5 مىڭ ۋارىل نېفىت چىقىدۇ. بۇ نېفىتلىكتىكى قاراماي زاپىسى 340 مىليون ۋارىل، دەپ پەرەز قىلىنماقتا.
خىتاي ئۆتكەن يىلى كانادانىڭ قازاقىستاندىكى يەنە بىر نېفىت شىركىتى قازاقىستاننى 4 مىليارد 180 مىليون دوللارغا سېتىۋالغان. خىتاي قازاقىستان نېگىف ئەسلىھەلىرىگە مەبلەغ سېلىشنى تېزلەتمەكتە. ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئاتاسۇ - ئالاتاۋ نېفىت تۇرۇبا يولى بۇ يىلنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن. ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى خىتاي ئىقتىسادى تەرەققىياتىدىكى جىددى مەسىلىگە ئايلانماقتا. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي -تۈركمەنىستاندىن نېفىت گازى ئىمپورت قىلىش گاز تۇرۇبا قۇرۇلۇشىنى ماقۇللىدى
- ئاتاسۇ-ئالاتاۋ نېفىت تۇرۇبىسى سودا خاراكتېرىدىكى نېفىت ئىمپورتىنى رەسمىي باشلىدى
- جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئالتايغا گاز تۇرۇبىسى ياتقۇزماقچى
- رۇسىيە ئالتاي ئارقىلىق خىتاينىڭ شەرقى دېڭىز رايونلىرىنى تەمىنلەيدىغان تەبىئى گاز تۇرۇبىسى ياسىماقچى
- خىتاي-ئەرەب ئەللىرى مۇناسىۋىتى ۋە ئۇنىڭ ئامېرىكىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى