ئامېرىكىنىڭ، بولۇپمۇ خىتاينىڭ نېفىتكە بولغان ئېھتىياجى ئاشقانسېرى، دۇنيادا نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلىشى تېز بولماقتا. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، چارشەنبە كۈنى، خەلقئارا نېفىت بازىرىدا بىر بارول نېفىتنىڭ باھاسى 98 ئامېرىكا دوللىرىغا ئۆرلىدى.
ھازىرقى ۋەزىيەتتىن قارىغاندا، نېفىت باھاسى ھەر بىر بارولى 100 ئامېرىكا دوللىرىغا ئۆرلەش ئېھتىمالى بار.
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، دۇنيادا نېفىت ۋە ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىگە ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قىممىتى تۆۋەنلىگەنلىكى، بۇنىڭغا قاراپ مەبلەغ سالغۇچىلار ئۆز مەبلىغىنىڭ قىممىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئامېرىكا دوللىرىنى سېتىۋېتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا قەرەللىك نېفىت پاي چېكى ياكى ئالتۇن سېتىۋېلىشقا يۈزلەنگەنلىكى سەۋەبچى بولماقتا. (ۋەلى)
