خىتايدا نېفىت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش جىددىيلىشىپ ھەتتا ئادەم ئۆلۈش ۋەقەسى چىقتى


2007.10.31

خىتايدا ئىككى يىلدىن بۇيان نېفىت كرىزىسى ئېغىرلىشىۋاتقان ئىدى. رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ 10 ‏- ئاينىڭ 31 -‏-كۈنى شاڭخەيدىن خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بۇيان گەرچە چەتئەللەردىن بارغانسېرى كۆپلەپ نېفىت ئىمپورت قىلىۋاتسىمۇ، خىتايدا يەنىلا نېفىت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش جەھەتتىكى جىددىيلىك مەۋجۇت.

بۇنداق جىددىيلىك ھازىر خىتاينىڭ دېڭىز بويلىرىدىكى جېجياڭ، گۇاڭدۇڭ، فۇجەن قاتارلىق ئۆلكىلىرىدىن مەركىزى رايونلارغىچە كېڭەيدى. تەھلىل قىلىنىشىچە، پۇل پاخاللىقى ۋە نېفىت مەھسۇلاتلىرى باھاسىنىڭ تېز ئۆرلىشى بۇ خىل جىددىيلىكنى ئېغىرلاشتۇرماقتا. ھازىر خىتاي بازىرىدا دېزىل كاملىقى ئەڭ جىددىي مەسىلە. بۇ ھازىر خىتايدا قاتناش- ترانسپورتقا ئېغىر تەسىر يەتكۈزمەكتە.

ئەمما 'شىنخۇا تورى'نىڭ بايان قىلىشىچە، يېقىنقى بىر مەزگىل ئىچىدىلا، دۇنيادا نېفىت باھاسى بىر باررېل خام نېفىت 60 ئامېرىكا دوللىرىدىن 70 ئامېرىكا دوللىرىغا، ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە 94 ئامېرىكا دوللىرىغا ئۆرلىگەن. يېقىندا يەنە 100 ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىش ئېھتىمالى بار. بۇ خىتايدىكى نېفىت مەھسۇلاتلىرى بازىرىدا باھا ئۆرلەپ كېتىشكە سەۋەب بولماقتا.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، خېنەندە ئاپتوموبىللارغا يېقىلغۇ قاچىلاش ئۈچۈن نۆۋەت كۈتۈپ تۇرغان كىشىلەر ئىچىدە جېدەل چىقىپ، ھەتتا ئادەم ئۆلۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. ھازىر خىتاي نېفىت شىركەتلىرى كۈندىن -كۈنگە ئېغىرلىشىۋاتقان بۇنداق نېفىت مەھسۇلاتلىرى جىددىيلىكىنى پەسەيتىش ئۈچۈن، 11 ‏- ئايدىن باشلاپ تېخىمۇ كۆپ نېفىت ئىمپورت قىلىشنى ئويلىماقتا. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.