6- ئىيۇن كۈنى نېگىر تۇئارېگ قارشىلىق كۆرسىتىش قوراللىق كۈچلىرى تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىنغان خىتاي كانچىلىق قىدىرىپ تەكشۈرۈش شىركىتىنىڭ ئىشچىسى يەكشەنبە كۈنى قىزىل كرىست جەمئىيىتىگە ئۆتكۈزۈلۈپ بېرىلدى.
نېگىر خەلقى ئۈچۈن ئادالەت قارشىلىق ھەرىكىتىنىڭ باشلىقى ئاگلەي ئالمبو فرانسىيە ئاگېنتلىقىغا تېلېفوندا: " قىزىل كرىست جەمئىيىتى يېتىپ كەلدى. بىز جاڭ گوخۇانى ۋە ئۇنىڭ ماشىنىسىنى ئۇلارغا ئۆتكۈزۈپ بەردۇق. ئۇ لار يەنە نىگېرنىڭ 3 نەپەر يارىدار ئەسكىرىنىمۇ ئېلىپ كېتىدۇ" دېگەن.
جاڭ گوخۇا خىتاينىڭ يادرو ئېنېرگىيىسى قۇرۇلۇش شىركىتىدە ئىشلەيدىغان بولۇپ، بۇ شىركەت شەرقىي شىمالىي نېگىردە ئۇران قىزىۋاتقان ئىدى. ئۇ، 6- ئىيۇل نېگىرنىڭ ئىنگال رايونىدا تۇتقۇن قىلىنغان.
شۇنىڭدىن كىيىن ئۈزلۈكسىز داۋام ئەتكەن گۆرۈگە ئېلىش تەھدىتى سەۋەبلىك، مەزكۇر خىتاي شىركىتى بۇ رايوندا ئىشلەۋاتقان بارلىق ئىشچىلىرىنى چېكىندۈرۈپ كەتكەن.
قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنىڭ باشلىقى ئالمبو خىتاي ئىشچىسىنىڭ گۆرۈگە ئېلىنىشىنى نېگىر ئارمىيىسى بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقان خىتاي شىركەتلىرىگە تاپشۇرۇلغان ئۇلتىماتۇم دەپ سۈرەتلەپ: "ئۆز ۋاقتىدا بىز فرانسىيە يادرو ئۆمىكىگە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن . بۇ قېتىم نېگىر ئارمىيىسىگە ئىقتىسادىي ياردەم بېرىۋاتقان خىتاينىڭ كانچىلىق قىدىرىپ تەكشۈرۈش شىركەتلىرىگە ئاگاھلاندۇرۇش بەردۇق" دەپ ئېلان قىلدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ ئافرىقا قىتئەسىگە مەبلەغ سالغان شىركەتلىرى ئافرىقا ھۆكۈمەتلىرىگە قارشى تۇرغۇچى تەشكىلاتلارنىڭ ئۈزلۈكسىز تەھدىتىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىل 30 - يانۋاردا كېنيىدە مەشغۇلات قىلىۋاتقان بىر خىتاي شىركىتى بۇلانغان ۋە بىر خىتاي ئېنژىنېر ئۆلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، نېگىرىيىدە ۋە ئېفىئوپىيىلەردە يەنە بىر نەچچە خىتاي پۇقراسى ۋە ئىشچىلىرى گۆرۈگە ئېلىنغان ئىدى. (جۈمە)