نېپالنىڭ پادىشاھى گيانېندرا سەيشەنبە كۈنى، نېپال ۋەزىيىتىنىڭ نۆۋەتتە جىددىي بىر ھالاتكە كىرگەنلىكىنى تەكىتلەپ، ھۆكۈمەتنى تارقىتىۋېتىپ پۈتۈن ھوقۇقنى ئۆتكۈزۋالغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇنىڭدىن ئىلگىرى گيانېندرا ھۆكۈمەتنى تارقىتىۋەتكەنلىكىنى ئېلان قىلىش بىرگە، 3 يىل ئىچىدە يېڭى بىر ھۆكۈمەت قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.
نېپال پادىشاھى، باش مىنىستىر شىر باھادىر ۋە باشقا ئالىي دەرىجىلىك سىياسىي رەھبەرلەرنىڭ تۇرالغۇ جايلىرىنى قامال قىلىپ، پايتەخت كاتماندونىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىنى تاقىۋەتكەندىن سىرت، پادىشاھغا قاراشلىق ئەسكەرلەر كوچىلاردا چارلاش ئېلىپ بارغان.
پادىشاھ گيانېندرا، 2003 -يىلى ماۋچىلار كەلتۈرۈپ چىقارغان قوراللىق توپىلاڭنى بېسىقتۇرالمىغان دىگەن سەۋەپ بىلەن، باش مىنىستىر شىر باھادىرنىڭ ئەمىلىنى ئېلىپ تاشلىغان ئىدى.
1996 - يىلىدىن بېرى ماۋچىلار، نېپالنىڭ ئاساسىي قانۇنىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، كومۇنىستىك ھاكىمىيەت قۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش ئېلىپ بارماقتا. (ئەقىدە)