كاندالىزا رايس: ئەركىن دۆلەتلەر نەشرىيات ئەركىنىلىكىنى چەكلەيدىغان 5 دۆلەتكە چۇقۇم تەسىر كۆرسىتىشى لازىم

بىرلەشمە ئاگېنىتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاندالىزا رايس ئەركىن دۆلەتلەر نەشرىيات ئەركىنىلىكىنى چەكلەيدىغان خىتاي بىلەن رۇسىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 5 دۆلەتكە چوقۇم تەسىر كۆرسىتىشى لازىم، دېگەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى سېين مىكماركنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندالىزا رايس بۇ سۆزنى دۇنيا مەتبۇئات ئەركىنلىكى كۈنى قىلغان. ئۇ سۆزىدە ناھايىتى ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ژۇرنالىستلارنى جىسمانىي جەھەتتە ھاقارەتلىگەن، قانۇننى دەپسەندە قىلىپ ئىنتېرنېتنى چەكلىگەن، مەتبۇئاتلارنىڭ يېڭى ئۇچۇرلىرىنى قامال قىلغان دۆلەتلەرگە ھەرىكەت قوللىنىش كېرەكلىكىنى؛ دۇنيادا ھەقىقىي پاكىتلارنى ئاشكارىلاش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكىدىن، ھەتتا ھاياتىدىن ئايرىلىشقا پىسەن قىلماي پىداكارلىق كۆرسەتكەن جۇرنالىستلارغا ئىلھام بېرىش زۆرۈرلىكىنى تەكىتلىگەن.

كاندالىزا رايس سۆزىدە خىتاي، رۇسىيىلەردىن باشقا يەنە زىمبابۇۋى، ۋېنسۇئىلا، ۋە ئىرانلاردا نەشرىيات ئەركىنلىكىنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىغا دائىر ئەمەلىي پاكىتلارنى كۆرسەتكەن. كاندالىزا رايس سۆزىدە "ھازىر دۇنيادا ھەر كۈنى باتۇر ئەزىمەتلەر ۋە خانىملار خەتەرگە ئۇچرىماقتا. ئۇلار پەقەت باشقىلار ئۈچۈن ھەق سۆزلىگەنلىكى ئۈچۈنلا تاياق زەربىسىگە ئۇچرىماقتا، تۇتقۇن قىلىنماقتا، تۈرمىلەرگە تاشلانماقتا، ھەتتا ئۆلتۈرۈلمەكتە. ھازىر ئامېرىكا ھۆكۈمىتى پۈتۈن يەر شارىدا نەشرىيات ئەركىنلىكىنىڭ قانات يېيىشى ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ. ئامېرىكا بۇ جەھەتتە باشقىلار بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدۇ. ئەگەر مۇستەقىل مەتبۇئاتلار چىرىكلىكنى پاش قىلمىسا، جەمئىيەتنىڭ ئوچۇق- يورۇق بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرمىسە، پۇقرالارنى سىياسىي ئىشلارغا ئارىلىشىشقا رىغبەتلەندۈرمىسە، پۈتۈن جەمئىيەت خەتەرگە يۈزلىنىدۇ"، شۇڭلاشقا ئەركىن دۆلەتلەر چۇقۇم خىتاي ۋە رۇسىيىدەك نەشرىيات ئەركىنلىكىنى چەكلەيدىغان دۆلەتلەرگە تەسىر كۆرسىتىشى لازىم" دېگەن. (ۋەلى)