نىگېرىيىدە بىر خىتاي ئايال ئۆلتۈرۈلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پەيشەنبە كۈنى نىگېرىيىنىڭ پايتەختى لاگوس شەھىرىدە، بىر خىتاي ئايال قوراللىق بۇلاڭچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ئايال ئۈچ خىزمەتدىشى بىلەن بىرلىكتە ئىشتىن ئۆيىگە كېتىۋاتقان مەزگىلدە، بۇلاڭچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان.

نىگېرىيىدىكى خىتاي باش ئەلچىسى، جۈمە كۈنى نىگېرىيە ھۆكۈمىتىدىن مەسىلىگە جىددىي قاراپ، جىنايەتنى سادىر قىلغۇچىلارنى تۇتۇپ، جازالىشىنى تەلەپ قىلغان . ئۇ شۇنداقلا نىگېرىيىدىكى خىتاي پۇقرالىرىنى ھوشيار بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن قۇشۇمچە تەدبىر ئېلىشقا چاقىرغان. (ئۆمەر قانات)