ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش تەرىپىدىن دۆلەت ئاخبارات ئورگىنىنىڭ مەسئۇللىقىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلگەن نىگرىپونتى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە خىتاينى بۇنىڭدىن كېيىنكى ئامېرىكا ئاخبارات خىزمىتىنىڭ ئاساسلىق نىشانى بولىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.
نىگرىپونتى بۇ سۆزلەرنى ئالدىنقى كۈنى دۆلەت مەجلىسىنىڭ كېڭەش پالاتاسىدا گۇۋاھلىقتىن ئۆتكەندە تەكىتلىگەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: " ئۇزۇن مۇددەتلىك نىشاننى كۆزلىگەندە ئامېرىكا ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ ئاخبارات يىغىش ۋە باھالاش خىزمىتى خىتاينى مەركەز قىلىدۇ." ئۇ، "خىتاينى ئۇزۇن مۇددەتكىچە كۆزۈتۈش ۋە ئىز قوغلاش ئىنتايىن مۇھىم. خىتاينى ئىنتايىن ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزەتكەندىلا ئاندىن خىتاينىڭ ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى چۈشەنگىلى بولىدۇ،" دەپ كۆرسەتتى.
نىگرىپونتى، ئامېرىكا ئاخبارات ئورگانلىرىنى ئىسلاھ قىلىشنى خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتى قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، ئۇزۇن مۇددەتنى كۆزدە تۇتقاندا "ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئەۋلادى خىتايلار ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغان بىر دۇنيادا ياشاشقا مەجبۇر بولىدۇ،" دەپ تەكىتلىدى. نىگرىپونتى ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ ب د ت تىكى باش ئەلچىسى ئىدى. ئۇ، ئۆتكەن يىلى ئامېرىكىنىڭ ئىراقتىكى باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلەنگەن. 1970 - يىللاردا ئوتتۇرا ئامېرىكىدىكى ھوندىراستا ۋەزىپە ئۆتىگەن شۇنداقلا كىسسىنگىر تۇنجى قېتىم خىتاينى زىيارەت قىلغاندا ئۇنىڭغا ھەمراھ بولغان ئىدى. (ئەركىن)