نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى ئەل گورغا بېرىلدى
2007.10.12
2007 - يىللىق نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى ئامېرىكىنىڭ سابىق مۇئاۋىن پرېزىدېنتى ئەل گورغا بېرىلدى. لېكىن ئەل گور بۇ مۇكاپاتنى ب د ت نىڭ ھۆكۈمەتلەر ئارا يەر شارى ھاۋا كىلىماتى ئۆزگىرىش كومىتېتى بىلەن بۆلۈشىدۇ. مۇكاپات، ئەل گورنىڭ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى يەر شارى ھاۋا كىلىماتىدىكى ئۆزگىرىشكە تارتىش جەھەتتە كۆرسەتكەن تۆھپىسىنى كۆزدە تۇتۇپ بېرىلگەن.
نوبىل مۇكاپاتى كومىتېتى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، ئەل گور " يەر شارىنىڭ ھاۋا كىلىماتىدىكى ئۆزگىرىشكە تەدبىر ئېلىشى كېرەكلىكىنى خاتىرىلىتىشتە تۆھپىسى ئەڭ زور ئادەم " دەپ كۆرسەتتى. يەر شارى ھاۋا كىلىماتىنىڭ ئۆزگىرىشى بۇ يىل دۇنيادىكى ھەر قايسى ئەللەردە ئەڭ كۆپ دىققەت قوزغىغان نۇقتا بولۇپ، ب د ت ھۆكۈمەتلەر ئارا ھاۋا كىلىماتى ئۆزگىرىش كومىتېتى "كيوتو ھاۋا كىلىماتى شەرتنامىسى" نىڭ ئورنىنى ئالالايدىغان يېڭى بىر ھاۋا كىلىماتى شەرتنامىسى تۈزۈپ چىقىش ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە.
يەر شارى ھاۋا كىلىماتىدىكى ئۆزگىرىش ئاسىيا، ياۋروپادىكى دۆلەتلەر ۋە ئامېرىكا يۇقىرى دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىدۇر. يېقىنقى يىللاردىن بېرى نوبىل كومىتېتى نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ تارقىتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇققا تۆھپە قوشقان زاتلاردىن باشقا، مۇھىتنى قوغدىغۇچىلار ۋە كەمبىغەللىكتىن قۇتۇلۇشقا تۆھپە قوشقۇچىلارنىمۇ مۇكاپاتلاۋاتىدۇ.
بۇ يىلقى نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئۇيغۇر رەھبىرى رابىيە قادىر خانىممۇ نامزات قىلىپ كۆرسىتىلگەن بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ 3 - قېتىم نامزاتلىققا كۆرسىتىلىشى ئىدى. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى مۇكاپاتنىڭ ئەل گورغا بېرىلگەنلىكىدىن چوڭقۇر بىر نەپەس ئالغان بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى نوبىل كومىتېتىغا ئاشكارا تەھدىت سېلىپ، ئەگەر مۇكاپات رابىيە قادىر خانىمغا بېرىلسە، بۇ خىتاي - نورۋېگىيە مۇناسىۋەتلىرىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- مەرھۇم كۈرەش كۈسەن ئەپەندى ۋاپاتىنىڭ بىر يىللىقى خاتىرىلەندى
- ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ئۇيغۇرلارغا ئائىت قارار ماقۇللاندى
- رابىيە قادىر خانىم گېرمانىيە ۋە شىۋىتسىيە دۆلەتلىرىدىكى پائالىيەتلىرىنى ئاياغلاشتۇرۇپ ئامېرىكىغا قايتىپ كەلدى
- رابىيە قادىر ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش ۋە ئۇنىڭ خانىمى بىلەن كۆرۈشتى
- خىتاي ئولىمپىك مۇناسىۋىتى بىلەن رابىيە قادىر باشلىق بىر قانچە ئۇيغۇرنىڭ ھەرىكىتىگە دىققەت قىلىشنى بەلگىلىگەن
- "رابىيە قادىر دەۋرى" خىتايلارنى چۆچۈتتى
- تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەن ئامېرىكىدا كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىغا ئېرىشتى
- 2005 -يىللىق "دېموكراتىيە" مۇكاپاتى 3 نەپەر ئافغانىستانلىققا بېرىلدى
- رابىيە قادىر ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ ناچارلىقىنى پاش قىلدى
- رابىيە قادىر، خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە دېموكراتىيىسى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى