12 - فېۋرال، سەيشەنبە كۈنى، نەچچىلىگەن نوبېل مۇكاپاتى ساھىپلىرى خىتاي پرېزىدېنتى خۇ جىنتاۋغا خەت يېزىپ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنى ئولىمپىك غايىسىگە بويسۇنۇپ دارفۇر مەسىلىسىدە سۇدان ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشكە قىستىدى. رويېتىرس ئاگېنتلىقىنىڭ كۆرسىتىشىچە،، مەزكۇر خەتتە خىتاينىڭ سۇدان ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئىقتىسادى، ھەربى ۋە سىياسى شىرىكى بولۇش ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزاسى بولۇش سۇپىتى بىلەن دارفۇردا ئادالەت ۋە تىنچلىقنى يولغا قويۇشقا پۇرسىتى ۋە مەجبۇرىيىتىنىڭ بارلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
مەزكۇر خەتكە نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى بىشوپ كارلوس، شىرىن ئېبادى، ئادولف پەرەز، ئېلى ۋىئېسېل قاتارلىقلار ۋە بىر قىسىم غەرب سىياسىيونلىرى ۋە سابىق ئولىمپىك تەنھەرىكەتچىلىرى ۋە ئامېرىكا كىنو چولپىنى مىيا فارروۋ قاتارلىقلار بىرلىكتە ئىمزا قويۇپ خىتاي پرېزىدېنتى خۇ جىنتاۋغا يوللىغان.
بېيجىڭ دائىرىلىرى دارفۇر رايونىدا قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان سۇدان ھۆكۈمىتىنى سىياسى جەھەتتىن قوللاپ ھەربىي جەھەتتىن ياردەم بېرىپ كېلىۋاتقان بولغاچقا ئامېرىكا كىنو چولپىنى مىيا فارروۋ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سۇدان ھۆكۈمىتىنى قوللاش مەيدانىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن نۇرغۇن پائالىيەت ئېلىپ بارغان ۋە ئالدىنقى يىلى ئۆكتەبىردە، خىتايدا ئۆتكۈزىلىدىغان ئولىمپىكىنى "قىرغىنچىلىق ئولىمپىكى" دەپ ئاتاپ خىتاي ھۆكۈمىتىنى سۇدانغا ياردەم بېرىشنى دەرھال توختىتىشقا چاقىرغان ئىدى. (جۈمە)