بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يېڭىدىن ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش دوكلاتىغا قارىغاندا، دۇنيا نوپۇسى 2050 - يىلى توققۇز مىليارد يۈز مىليونغا يېتىشى مۇمكىن ئىكەن.
تەكشۈرۈش دوكلاتىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، گەرچە تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردە تۇغۇت نىسبىتى تۆۋەنلەپ كېتىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما تەرەققى قىلمىغان دۆلەتلەردە تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتى ئاز دېگەندە بىر ھەسسە ئاشىدىكەن. بىر قىسىم نامرات دۆلەتلەردىكى ئاھالە ئۈچ ھەسسە قاتلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.
ھازىرقى دۇنيا نوپۇسى 6 مىليارد بەش يۈز مىليونغا يېتىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، كېيىنكى 45 يىل ئىچىدە يېڭى قوشۇلىدىغان ئىككى مىليارد ئالتە يۈز مىڭ نوپۇسنىڭ يېرىمى خىتاي، پاكىستان، ھىندىستان، نىگىرىيە قاتارلىق توققۇز دۆلەتتە بولىدىكەن. (ئارزۇ)