خەلقئارا جەمئىيەت شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو سىنىقى پىلانىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ سىئول شەھىرىدىن خەۋەر قىلىشىچە، شىمالىي كورىيىگە قوشنا دۆلەتلەر يېقىندا كوممۇنست كورىيىنىڭ يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەندىن كېيىن، خەلقئارا جەمئىيەتلەر ئۇلارنى قوللىدى. ئامېرىكا قاتارلىق بىرمۇنچە دۆلەتلەر ئوتتۇرىغا چىقىپ شىمالىي كورىيىنى ئەيىبلىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىىتىرلىقىنىڭ باياناتچىسى 'شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىش پىلانى ئاسىياغىلا ئەمەس، پۈتۈن دۇنياغا قىلىنغان ئىغۋاگەرچىلىك' دېدى. ئەنگىلىيەنىڭ باياناتچىسى 'شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىش پىلانى پىنيوڭ ئۈچۈن ئېغىر ئاقىبەت كەلتۈرىدۇ' دېدى. جەنۇبىي كورىيە پرىزىدېنت ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى ' بىز ھازىر دۆلىىتمىزنىڭ بىخەتەرلىك سېگنال دەرىجىسىنى يۇقىرى ئۆرلەتتۇق، بەزى مۇھىم مەسىلىلەر ئۈستىدە قوشنا دۆلەتلەر بىلەن سۆھبەتلىشىۋاتىمىز' دېدى. فرانىسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسىمۇ 'شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو پىلانى رايون خاراكتىرلىك مۇقىمسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇھىم ئامىل' دېدى.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ياپونىيىنىڭ تاشقى ئىشلار منىسىتىرى تارو ئاسونىڭ پۇزىتسىيىسى ناھايىتى قەتئىي، ئۇ سۆزىدە 'شىمالىي كورىيە تىنچلىققا تەھدىت سالسا، ئۇنى ھەرگىز كەچۈرمەيمىز' دېگەن. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشىغا قارىتا تۇتقان پوزىتسىيىسى باشقا دۆلەتلەردەك ئەمەس، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرلىقىنىڭ باياناتچىسى پەقەت 'بىز شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىش مەسىلىسىگە سوغۇققانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشىنى ۋە ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز' دېگەن.