ئىسپانىيىدىكى باسىك تەشكىلاتچىلىرى تۇتقۇن قىلىندى
2007.10.07
ئىسپانىيىدىكى مۇستەقىللىق تەرەپدارلىرى ھېسابلىنىدىغان باسىكلارنىڭ " ئىتتىپاق" پارتىيىسىنىڭ 23 نەپەر ئەزاسى يېقىندا ئىسپانىيە ساقچىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. ئىسپانىيە ھۆكۈمىتى باسىك مۇستەقىللىق ھەرىكىتىگە قارشى تۇرۇپ، بىراقلا كۆپ ئادەمنى قولغا ئالغاندىن كېيىن شەنبە كۈنى ئىسپانىيىنىڭ بىر قانچە شەھىرىدە باسىكلارنىڭ نارازىلىق نامايىشلىرى يۈز بېرىپ، قولغا ئېلىنغان ئادەملەرنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
رويتېرىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىسپانىيە ساقچىلىرى باسىكلارنىڭ مەزكۇر "ئىتتىپاق" پارتىيىسىنىڭ 23 نەپەر ئاساسلىق رەھبىرىنى قولغا ئېلىپ، ئۇلارنى تېررورىزم بىلەن ئەيىبلەپ سوتلاشقا تاپشۇرغان.
"ئىتتىپاق" پارتىيىسى باسىك مۇستەقىلچى قوراللىق تەشكىلات "ئەيتا" نىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، مەزكۇر تەشكىلات ئىسپانىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تېررورچى تەشكىلات دەپ ئېلان قىلىنغان . " ئەيتا" تەشكىلاتى يېقىندا قوراللىق قارشىلىقىنى توختىتىپ، ئىسپانىيە ھۆكۈمىتى بىلەن تىنچلىق ۋاسىتىسى ئارقىلىق باسىكلارنىڭ مۇستەقىللىق مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلماقچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئىسپانىيە دائىرىلىرىدا ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمىغان.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ باسىك ھەرىكىتىنى تېررورلۇق تەشكىلات تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن، باسىكلار ئىسپانىيىنىڭ غەربىي شىمالى بىلەن فرانسىيىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان ئاز سانلىق مىللەت بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىسپانىيىدىكى سانى ئىككى يېرىم مىليون ئەتراپىدا، فرانسىيىدىكى سانى بەش يۈز مىڭ كېلىدۇ. ئۇلار كاتولىك دىنىغا ئىشىنىدۇ. باسىكلار 20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىن ئېتىبارەن مۇستەقىللىق ھەرىكىتى باشلىغان بولۇپ، 70-80-يىللاردا يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن.
باسىكلار "ئەيتا" تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىكىدە داۋاملىق مۇستەقىللىق ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بېسىمى بىلەن ئۇلار قوراللىق ھەرىكەتنى توختىتىپ، ئىسپانىيە ھۆكۈمىتى بىلەن سۆزلىشىش ئارقىلىق باسىكلارنىڭ يۈكسەك سىياسىي ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولغان بولسىمۇ، بىراق ئىسپانىيە ھۆكۈمىتى ئۇلارنى تېررورلۇق ۋەقەلىرى بىلەن باغلاشقا تىرىشقان. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- بۇش:" كوسوۋا چوقۇم مۇستەقىل بولۇشى كېرەك دەپ قارايمىز" دېدى
- ب د ت نىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى كوسوۋانىڭ ئىستىقبالى ھەققىدە ئىزلەنمەكتە
- بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشىدە كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىق مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنماقتا
- كوسوۋا مەسىلىسى ھەققىدىكى يېڭى ئۇچۇرلار
- ئاختىسارى كوسوۋانى مۇستەقىل قىلىدىغان پىلانىنى ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىگە سۇنماقچى
- كوسوۋوغا مۇستەقىللىق يولى كۆرۈندى
- ئامېرىكىدا مۇستەقىللىق بايرىمى
- سېربىيە قارا تاغلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلدى
- قاراتاغ جۇمھۇرىيىتى مۇستەقىللىقنى تاللىۋالدى
- قارا تاغ جۇمھۇرىيىتى مۇستەقىللىق ئۈچۈن ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىش ئۆتكۈزدى