ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئىككى ئەزاسى، ئالدىنقى كۈنى خىتاينىڭ 2008 - يىلى ئولىمپىك يىغىنى ئۆتكۈزۈشىگە قارشى قانۇن تەكلىپ لاھىيىسى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلىمىسا، ئولىمپىك يىغىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
مەزكۇر قانۇن تەكلىپ لاھىيىسى ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفىر سىمىت بىلەن توماس تانكىرىدو تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئاۋام پالاتا ئەزاسى تانكىرىدو، " خىتاي خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن مۇكاپاتلانماسلىقى كېرەك،" دەپ تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: " ھازىر خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق كەڭ كۆلەمدە دەپسەندە قىلىنماقتا. بىز بۇنداق ھۆكۈمەتنىڭ ئولىمپىك يىغىنى ئۆتكۈزۈشىگە مەڭگۈ يول قويماسلىقىمىز كېرەك."
ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفىر سىمىت، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى داۋاملىق دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنى كۆزدىن كەچۈرۈشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇ، قانۇن تەكلىپ لايىھىسى بېرىش سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ، " فالۇنگوڭچىلار خارلاش سەۋەبىدىن ئۆلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلار، كاتولىكلار، خرىستىيانلار ھەتتا بۇددىستلار زىيەنكەشلىككە ئۇچرىماقتا،" دەپ كۆرسەتتى. ئەمما بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بىكار قىلىش توغرىسىدىكى قانۇن تەكلىپ لايىھىسى، ئاۋام پالاتاسىدىكى بەزى ئەزالار تەرىپىدىن بەك رادىكال ھەرىكەت، دەپ قارالغان.
ئاۋام پالاتا ئەزاسى جىم لىچ، "مەدەنىيەت بىلەن سىياسەتنى ئارلاشتۇرۋەتمەسلىك" كە چاقىرغان. ئاۋام پالاتا ئەزاسى دونالد پېينى، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ئۆزگەرتىشىگە پۇرسەت بېرىش كېرەك، دەپ كۆرسەتكەن. (ئەركىن)