2012 - يىللىق ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسى لوندون شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ

خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى روگگې، 6 - ئىيۇل چارشەنبە كۈن 2012 - يىللىق ئولىمپىك تەنتەربىيە يىغىنىنىڭ لوندوندا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو - تېلېۋىزىيە شىركىتىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېت ئەزالىرىنىڭ بىر قانچە قېتىم بېلەت تاشلىشى نەتىجىسىدە ، لوندون بىلەن پارىژ شەھىرى تەڭ كۆپ ئاۋازغا ئېرىشكەن ، 4 - قېتىملىق بېلەت تاشلاشتا 54 تە 50 ئاۋاز بىلەن لوندون شەھىرى ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىپ، ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن.

خەلقئارا ئولىمپىك تەنتەربىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى روگگې: " ئەسلىدە نامزاتلىققا قويۇلغان بارلىق شەھەرلەر، ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشكە تامامەن لايىق ئىدى، ئەمما بىز پەقەت بىر شەھەرنى تاللاشقا مەجبۇر " دەپ كۆرسەتتى.

موسكۋا، نيۇيورك قاتارلىق شەھەرلەر نامزات قىلىپ كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، 5 چوڭ شەھەردىن كەلگەن مەشھۇر سىياسىيون ۋە تەنتەربىيە مۈتەخەسسىئىسلىرىنىڭ كۆپىنچىسى لوندوندا مەزكۇر مۇسابقىنى ئۆتكۈزۈشنى تەشەببۇس قىلغان.

لوندوندا 1948 - يىلى ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ بۇ قېتىمقى قارارى ئەنگىلىيە خەلقىنى شاتلىققا چۆمدۈردى.

گەرچە بېيجىڭ 2008 - يىللىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش شەرىپىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان فالوڭگوڭ مۇرىتلىرى شۇنىڭدەك ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى " خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇقنى ئەسلىگە كەلتۈرمىگىچە، مەزكۇر مۇسابىقىنى ئۆتكۈزۈشكە لايىق ئەمەس" دەپ نارازىلىق بىلدۈرۈپ كەلمەكتە. (ئەقىدە)