ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلدى
2006.04.05
خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى جەكس روگې 2008- يىلىدىكى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنىڭ ياخشىلىنىشىغا پايدىلىق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
جەكس روگې چارشەنبە كورىيەدە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار لار يىغىنىدا بۇ قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇ 2008- يىلدىكى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى ئۈستىدىن چىقىرىلىدىغان دوكلاتنىڭ ئاكتىپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، لېكىن ئۆزىنىڭ يەنىلا خىتايدىكى مۇھىت بۇلغىنىشى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا كۆڭۈل بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
روگې سۆزىدە، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ مەخسۇس ئورگانلار ۋە مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنىڭ بۇ ھەقتىكى پىكىرلىرىنى تىڭشىغانلىقىنى تەكىتلەپ، " مەن ئىشىنىمەنكى، ئولىمپىك يىغىنىنىڭ بېيجىڭدا ئېچىلىشى، خىتاينىڭ ئەركىنلىكى ۋە جەمئىيەت مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ" دېدى.
ئۇ يەنە، بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا 25 مىڭ مۇخبىرنىڭ قاتنىشىشىنىڭ، خىتاينىڭ پۈتۈن دۇنياغا ئېچىۋېتىلىشىگە تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. شۇنداقلا ئۇ يەنە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بېيجىڭ شەھەر مۇھىتىنىڭ ياخشىنىلىشى ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنىمۇ ئەسكەرتتى.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئولىمپىك زاللىرىنى سېلىش ئۈچۈن نۇرغۇن تۈركۈمدىكى ئاھالىلەرنى مەجبۇرىي كۆچۈرگەنلىكى سەۋەبىدىن، ئاھالىلەرنىڭ نارازىلىق كەيپىياتلىرى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتى شۇ سەۋەبتىن خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان ئىدى. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى: بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى خىتاي كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش ئۈچۈن بىر پۇرسەت
- ئولىمپىك قۇرۇلۇشىدا يېرىدىن ئايرىلغان دېھقانلار نامايىش قىلغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىندى
- 2012 - يىللىق ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسى لوندون شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەزالىرى خىتاينىڭ ئولىمپىك يىغىنى ئۆتكۈزۈشىگە قارشى قانۇن تەكلىپ لايىھىسى بەردى
- بېيجىڭ، ئولىمپىكنىڭ ساھىبخانىلىقىغا لايىق ئەمەس دەپ يەنە بىر قېتىم ئەيىبلەندى