ئولىمپىك كومىتېتى باشلىقى خىتاينىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىدىن ئەندىشە قىلماقتا

خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ باشلىقى Jacques Rogge بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ 2008 - يىلى ئېچىلىدىغان ئولىمپىك يىغىنى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاينىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

Jacques Rogge ئەپەندى سۆزىدە "بېيجىڭدا ئېچىلماقچى بولۇۋاتقان 2008 ‏- يىللىق ئولىمپىك يىغىنىنىڭ غەلىبىلىك بولۇشى پەقەت خىتاينىڭ تېخنىكا جەھەتتىكى تىرىشچانلىقى بىلەنلا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ قالماي، بەلكى دۇنيانىڭ خىتايغا بولغان كۆز قارىشى بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك " دەپ كۆرسەتكەن.

خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ باشلىقى Jacques Rogge ئەپەندى ئىلگىرى ‏-كېيىن بولۇپ خىتاينىڭ پايتەختى بېيجىڭنى 7 قېتىم زىيارەت قىلغان. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ ئاخىرقى قېتىمقى زىيارىتىدىن بۇيان، مەيلى كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتە بولسۇن ياكى مەتبۇئات ئەركىنلىك مەسىلىسىدە بولسۇن، خىتاينىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازى زور تەسىرگە ئۇچرىغان.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى يېقىندا مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلىپ، " خىتاي ھۆكۈمىتى ئەينى چاغدا 2008 ‏- يىللىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ بېيجىڭدا ئېچىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ، كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش ھەققىدە نۇرغۇن ۋەدىلەرنى بەرگەن ئىدى، لېكىن يېقىنقى بىر يىلدىن بۇيان، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە زور دەرىجىدە چېكىنمەكتە " دەپ كۆرسەتكەن.