بېيجىڭ دائىرىلىرى زەھەرلىك چېكىملىك خۇمارى بار كىشىلەرنى سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش لاگىرىغا ئەۋەتمەكچى

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، بېيجىڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى فۇ جېنخۇا 'زەھەرلىك چېكىملىك خۇمارى بار كىشىلەرنى ئايرىپ چىقىپ، 2008 ‏- يىلىدىكى ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىن بۇرۇن، ئۇلارنى سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش لاگىرىغا ئەۋەتىپ، تاكى چېكىشنى تاشلىغىچە شەھەردىن يېراقلاشتۇرىمىز' دېگەن. ئەمما بۇ ئەرباب' زەھەرلىك چېكىملىك خۇمارى بار كىشىلەر' دېگەننى قانداق ئايرىش مىتوتلىرىنى، 'سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئورنى'دېگەن قانداق ئورگان ئىكەنلىكىنى ئېيتمىغان.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، گەرچە خىتايدا 1949 ‏- يىلىدىن كېيىن زەھەرلىك چېكىملىككە چېتىلىدىغان كىشىلەر قاتتىق جازالاش ئارقىلىق پۈتۈنلەي يوق قىلىنىشقا يېقىنلاشقان بولسىمۇ، ئەمما يېقىنقى 20 نەچچە يىلدىن بۇيان، خىتايدا زەھەرلىك چېكىملىككە چېتىلىدىغان كىشىلەرنىڭ سانى كۆپىيىشكە باشلىغان. بولۇپمۇ 2000 ‏- يىلىدىن 2005 ‏- يىلىچە بولغان بىر مەزگىل ئىچىدە، خېروئىن چېكىدىغان 700 مىڭ كىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېشى 35 تىن تۆۋەن دائىرىدىكى زەھەرلىك چېكىملىككە چېتىلىدىغان ئادەم سانى 1 مىليون 200 مىڭغا يەتكەن. (ۋەلى)