فرانسىيە پرېزىدېنت كاندىداتى فرانكويس بايرو خىتاينىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقوت قىلىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ پارىژدىن خەۋەر قىلىشىچە، فرانسىيە پرېزىدېنت كاندىداتى فرانكويس بايرو 20 ‏- مارت كۈنىدىكى سايلام پائالىيىتىدە "ئەگەر خىتاي سۇداندىكى دارپور پاجىئەسىنى توختىتىش ئۈچۈن تەدبىر قوللانمىسا، خىتايدا 2008 ‏- يىلى ئېلىپ بېرىلىدىغان ئولومپىك مۇسابىقىسىنى بايقوت قىلىش" نى تەشەببۇس قىلغان. ھازىرقى پرېزىدېنت جاك شىراكمۇ "بىز ئىنسانىيەتتە يۈز بېرىۋاتقان دارفور ۋەقەسىدەك بۇنداق زور پاجىئەگە ھەرگىز سۈكۈت قىلىپ تۇرمايمىز" دېگەن.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي شېرىكى بولغان سۇدان ھۆكۈمىتى 2003 ‏- يىلى دارفوردا ھەربىي جاللاتلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىپ، تىنچ ئاھالىلەردىن 200 مىڭ ئادەمنى قىرىپ تاشلاپ، 2 مىليون 500 مىڭ ئادەمنى ئۆز يۇرتلىرىدىن قوغلاپ چىقارغان ئىدى. گەرچە پۈتۈن دۇنيا بۇ مەسىلە ئۈستىدە سۇدان ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەپ كېلىۋاتسىمۇ، ئەمما كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى دارفور ۋەقەسىنى تىنجىتىش جەھەتتە سۇدان ھۆكۈمىتىگە يېتەرلىك بېسىم ئىشلەتمەيۋاتىدۇ. ‏ ئەگەر خىتاي داۋاملاشتۇرۇۋاتقان "ئويۇن"نى يىغىشتۇرۇپ، بۇ پاجىئەنى توختاتمىسا، ‏-‏ دەيدۇ فرانسىيە پرېزىدېنت كاندىداتى فرانكويس بايرو، ‏‏- بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ 2008 ‏- يىلى ئاچماقچى بولۇۋاتقان ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقوت قىلىش كېرەك. ھازىر بۇنىڭدىن ئۆزگە ئۈنۈملۈك چارە يوق. (ۋەلى)