كانادانىڭ Hamilton Spectator گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدا، كانادا ھۆكۈمىتى خىتاي ئەدلىيە دائىرىلىرىنىڭ كانادا پۇقراسى ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ھۈسەيىن جېلىلنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىغا، 2008- يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى بايقۇت قىلىش ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرۇشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
جەرەمى ۋودلى دۇنداس تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ماقالىدا "تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پېتەر ماككاي ھۈسەيىن جېلىلنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان خېتىدە "كانادا ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ خىتايدىكى ۋەزىيىتىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلماقتا" دېگەن. ئۇنداقتا نىمە ئۈچۈن ئۇ، تەنھەرىكەتچىلىرىنى 2008- يىلىدىكى بېيجىڭ ئولىمپىك تەن ھەرىكەت يىغىنىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرمايدۇ؟" دېيىلگەن.
بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى بايقۇت قىلىش ئۈچۈن نۇرغۇن سەۋەبلەرنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن ماقالىدا مۇنداق دېيىلگەن: "ھۆسەيىن جېلىل ۋە باشقا پائالىيەتچىلەرنىڭ تۈرمىگە تاشلانغانلىقى، مەھبۇسلارنىڭ ئورگانلىرىنىڭ سېتىلغانلىقى، تىبەتنىڭ ئىشغال قىلىنغانلىقى ۋە بۇددا دىنىنىڭ باستۇرۇلغانلىقى، خىتاينىڭ دارفۇردىكى قىرغىنچىلىق مەسىلىسىدە سۇداننى قوللىغانلىقى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ھەددىدىن تاشقىرى ئىشلىتىۋاتقانلىقى بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ. خىتاي بۇ مەسىلىلەرنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىشى مۇمكىن. لېكىن بۇ ئولىمپىك روھىغا تېگى- تەكتىدىن خىلاپ مەسىلىلەر. " (قانات)