چ م ت مۇخبىرلارنىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەتنى زىيارەت قىلىش - قىلالماسلىقىغا ئېنىقلىما بېرىشنى تەلەپ قىلدى

خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىكى ئۆتكەن ئايدا تىبەتنى زىيارەت قىلغان ئىككى غەربلىك مۇخبىرنى ئاگاھلاندۇرغاندىن كېيىن، چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، بېيجىڭ ئولىمپىك كومىتېتى مەسئۇلى ليۇ چىدىن چەتئەل مۇخبىرلىرى ئولىمپىك جەريانىدا خىتاينىڭ ھەر قانداق يېرىگە يېرىپ، ھەر قانداق كىشىنى زىيارەت قىلسا بولىدۇ، دېگەن بەلگىلىمىنىڭ ئۇيغۇر ئىلى ۋە تىبەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ياكى ئالمايدىغانلىقىغا ئېنىقلىما بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

مەركىزى پارىژدىكى مۇخبىرلارنى قوغدىغۇچى بۇ تەشكىلاتنىڭ باياناتتا ئەسكەرتىشىچە، بېيجىڭ ئولىمپىك كومىتېتى تېخى يېقىندىلا چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ زىيارەت ھوقۇقىغا دائىر تەپسىلى دوكلات ئېلان قىلغان بولسىمۇ، لېكىن تىبەتنى زىيارەت قىلغان مۇخبىرلارنىڭ ئىغۋاگەرچىلىككە ئۇچرىغانلىقىدىن ھەيران قالغان.

باياناتتا،"بىز ليۇ چىنى ئوتتۇرىغا چىقىپ چەتئەللىك مۇخبىرلار تىبەت ۋە شىنجاڭغا بېرىپ زىيارەت قىلسا، ئىغۋاگەرچىلىككە ئۇچرىمايدىغانلىقىنى ۋە بۇنى قوللايدىغانلىقىنى ئاشكارە ئېلان قىلىشقا شۇنداقلا دائىرىلەردىن ئىغۋاگەرچىلىكنى توختۇتۇشنى تەلەپ قىلىشقا چاقىرىمىز،"دەيدۇ.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا بىر ئامېرىكا مۇخبىرى بىلەن يەنە بىر گېرمانىيىلىك مۇخبىر، بۇ يىل 4 - ئايدا تىبەتنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، 5 - ئاينىڭ 15 - كۈنى خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن سوراق قىلىنغان شۇنداقلا تىبەتتىن خەۋەر بېرىشنىڭ خاتا ئىكەنلىكى، خاراكتېرىنىڭ ئېغىر ۋە خەۋەردە ھەقىقى ئەھۋالنىڭ بۇرمىلانغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، " خاتالىقىنى تۈزۈتىش"نى تەلەپ قىلغان.

خىتاي دائىرىلىرى بۇنىڭدىن بۇرۇن ئېلان قىلغان يېڭى ئاخبارات بەلگىلىمىسىدە، چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ ئولىمپىك جەريانىدا خىتايدىكى ھەر قانداق يەرگە بارسا ۋە ھەرقانداق كىشى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزسە بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. (ئەركىن)