ستېۋېن سپېلبېرگ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ مەسلىھەتچىلىكىدىن ئىستىپا بېرىشى مۇمكىن
2007.07.27
مەشھۇر رېژىسسور ۋە خوللىۋۇد سەنئەتكارى ستېۋېن سپېلبېرگ، جۈمە كۈنى ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى سۇدانغا دارفۇر مەسىلىسىدە ئىلگىرىلەپ بېسىم ئىشلەتمىسە، 2008 - يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ سەنئەت مەسلىھەتچىلىكىدىن ئىستىپا بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. سپېلبېرگنىڭ باياناتچىسى ئاندى سپان جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ،، ستېۋېننىڭ كېلەر 2 - 3 ھەپتە ئىچىدە خىتايلار بىلەن بولغان ھەمكارلىق خىزمىتى ئۈستىدە قارار چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئاندى سپان ئىنتېرنېتتە ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى يەنە بىر ماقالىسىدە، " بىزنىڭ ئاساسىي مەقسىتىمىز ئىرقىي قىرغىنچىلىققا خاتىمە بېرىش " دەيدۇ. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، سپېلبېرگ خىتايلار بىلەن ھەمكارلىشىش ياكى ھەمكارلاشماسلىق مەسىلىسىدە ئىستىپا بېرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئېھتىماللىقلار ئۈستىدە ئويلىشىۋاتقان بولۇپ، سپېلبېرگنىڭ ئىستىپا بېرىش - بەرمەسلىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دارفۇر مەسىلىسىدە پات ئارىدا ئېلان قىلىنىدىغان باياناتىغا قاراشلىق ئىكەن.
بۇ يىلنىڭ باشلىرى ئامېرىكا سەنئەت ساھەسىدىكى ئەرباپلار ۋە ب د ت مەدەنىي مىراسلارنى قوغداش كومىتېتىنىڭ خۇش خەۋەر ئەلچىسى مىيا فارروۋ سپېلبېرگنى تەنقىد قىلىپ، خىتاينىڭ سۇدانغا بەرگەن مالىيە ياردىمى سۇدان مىلىتانلىرىنىڭ دارفۇرغا ھۇجۇم قىلىشىغا ياردەمچى بولۇۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ ئەھۋالدا سپېلبېرگنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىغا مەسلىھەتچىلىك قىلىشى توغرا بولمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
مىيا فارروۋ بۇ يىل 3 - ئايدا Wall Street Journal گېزىتىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە سپېلبېرگنى ئاگاھلاندۇرۇپ، " شىندلېرنىڭ تىزىملىكى"، دېگەن فىلىمنىڭ رېژىسسورى سپېلبېرگنى ناتسېستلار گېرمانىيىسىنىڭ تەشۋىقاتچى كىنو رېژىسسورى لېنى رېىينفېنشتالنىڭ دەۋرىمىزدىكى ئۆرنىكى بولۇپ قالماسلىققا چاقىرغان .1936 - يىلى بېرلىن ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ " ئولىمپىيە" دېگەن كىنو فىلىمى لېنى رېينفېنشتالنىڭ رېژىسسورلىقىدا ئىشلەنگەن ئىدى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- دارفۇر مەسىلىسى مۇھاكىمىسىدە ئەمەلىي ئىلگىرىلەش بولمىدى
- خىتاي سۇدانغا ئىقتىسادىي جازا يولغا قويماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
- ئامېرىكا فېدېرال تەكشۈرۈش ئىدارىسى(FBI ) ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ بىخەتەرلىكى جەھەتتە بېيجىڭ دائىرىلىرىگە ياردەملەشمەكچى
- ئامېرىكا مەتبۇئاتى "دارفۇردىكى قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى بايقۇت قىلىش كېرەك" دەپ يازدى
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى دارفۇر مەسىلىسىنى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا باغلايدىغان قارار لاھىيىسى ماقۇللىدى
- خۇ جىنتاۋ شۋېتسىيە زىيارىتىدە ئۆلۈم جازاسى مەسىلىسىدە بېسىمغا دۇچ كېلىشى مۈمكىن
- كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتايدىن ئۆلۈم جازاسىنى ئازايتىشنى تەلەپ قىلدى
- ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى دارفۇر مەسىلىسىدە خىتايغا قارىتا قانۇن لايىھىسى ماقۇللىدى