خەلقئارادا بېيجىڭنىڭ ئولىمپىك ئۆتكۈزۈشىگە قارشى ھەرىكەتلەر كۈچەيمەكتە
2007.08.02
مەركىزى نيۇيوركتىكى خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كۆزىتىش تەشكىلاتى2 - ئاۋغۇست بايانات ئېلان قىلىپ 2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ھارپىسىدا " خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆكتىچىلەر ھەمدە ئاخبارات ساھەسىگە بولغان باستۇرۇشى تېخىمۇ كۈچەيتىلدى" دەپ بىلدۈردى.
باياناتچى يەنە " ئولىمپىكقا بىر يىل ۋاقىت قالدى ، قارىماققا بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئىنسان ھەقلىرىدە ۋە ئاخبارات ئەركىنلىك مەسىلىسىدە ئىلگىرلىگەندەك ئىپادىلەرنى كۆرسەتسىمۇ ، ئەمما ئاستىرىتتىن دۆلەت ئىچىدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى ھىمايە قىلغۇچىلارنى ھەمدە ئاخبارات خادىملىرىنى مەخپىي باستۇرماقتا ھەمدە شۇ ئارقىلىق ئاخبارات ساھەسىگە بولغان كونتروللۇقنى كۈچەيتمەكتە.
خىتاي ئىچىدە ئەمەلىيەتتە نەچچە يۈز مىڭ كىشىلىك نامايىش ھەمدە ھۆكۈمەتكە قارشى نارازىلىق ھەرىكەتلىرى كۆرۈلگەن بولسىمۇ ، خىتاي دائىرىلىرى جىددىي قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنى ئىشلىتىپ قاتتىق باستۇرۇش ھالىتىنى ساقلاۋاتىدۇ، شۇ سەۋەبلىك خىتاينىڭ ئىچكى ۋەزىيىتى ئىنتايىن تۇراقسىز "دەپ كۆرسەتتى.
ئىنسان ھەقلىرى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا بۆلۈمى مۇدىرى ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسى مۇخبىرىغا ئالاھىدە ئەسكەرتىپ : "خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىكنى ، سۆز ۋە پىكىر ئەركىنلىكىنى بوغۇۋاتقانلىقى بولۇپمۇ ، ئۇيغۇر ھەمدە تىبەتلەرنى قاتتىق باستۇرۇۋاتقانلىقى كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنىڭ يەنە بىر كۈچلۈك ئىسپاتى " دېگەن.
تۈنۈگۈن بېيجىڭدىكى خەلقارا مۇخبىرلار جەمئىيىتى خىتايدا تۇرۇشلۇق 160 نەپەردىن ئارتۇق مۇخبىرنىڭ % 95 ىنىڭ خىتايدا يەنىلا ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
بۈگۈن تەيۋەندىكى فالۇنگوڭچىلار جەمئىيىتى2008 - بېيجىڭ ئولىمپىكقا قارشى9 - ئاۋغۇستتىن باشلاپ، كىشىلىك ھوقۇق مەشئىلى يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى باشلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. چەتئەللەردىكى تىبەت تەشكىلاتلىرى خەلقارا ئولىمپىك تەشكىلاتىدىن كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلدى. (گۈلچېھرە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- كىنو چولپىنى جورج كلۇنىي خىتاينى دارفۇر مەسىلىسىدە ھەرىكەت قوللىنىشقا قىستىدى
- ستېۋېن سپېلبېرگ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ مەسلىھەتچىلىكىدىن ئىستىپا بېرىشى مۇمكىن
- دارفۇر مەسىلىسى مۇھاكىمىسىدە ئەمەلىي ئىلگىرىلەش بولمىدى
- كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئىراندىن ياش - ئۆسمۈرلەرنى قەتلىئام قىلىشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى
- خىتاي سۇدانغا ئىقتىسادىي جازا يولغا قويماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
- ئامېرىكا فېدېرال تەكشۈرۈش ئىدارىسى(FBI ) ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ بىخەتەرلىكى جەھەتتە بېيجىڭ دائىرىلىرىگە ياردەملەشمەكچى
- ئامېرىكا مەتبۇئاتى "دارفۇردىكى قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى بايقۇت قىلىش كېرەك" دەپ يازدى
- خىتاي پاكىستاندىن ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشىنى رەسمى تەلەپ قىلدى