ئامېرىكا فېدېرال تەكشۈرۈش ئىدارىسى ( FBI ) خەلقئارالىق ھەرىكەت ئورگىنىنىڭ مۇدىرى توماس فۇنتېسنىڭ رويتېرس ئاگېنتلىقىغا بايان قىلىشىچە، FBI خادىملىرى بېيجىڭدا 2008 - يىلى ئۆتكۈزىلىدىغان ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ بىخەتەرلىكى جەھەتتىكى ئىشلاردا بېيجىڭ دائىرىلىرىگە ياردەملەشمەكچى.
بېيجىڭ ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ باشلىقى ليۇشاۋۋۇ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش مەسىلىسى ھەققىدە توختالغاندا، خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تېررورچىلىق مەسىلىسىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، ھەتتا بۇيىل 1 - ئايدىمۇ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ يەنە ۋەقە پەيدا قىلغانلىقىنى، شۇ قېتىمقى ۋەقەدە، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بىر ھەربىي تەلىم-تەربىيە مەيدانىدا 18 كىشى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ۋە 17 كىشى تۇتۇلغانلىقىنى تىلغا ئالغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ FBI خادىملىرى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك مۇسابىقىسى جەريانىدا، ئەل-قائىدىچىلەر ياكى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ ھەرىكىتى بار -يوقلۇقى مەسىلىسىنى ئىنىقلاشتا بېيجىڭ دائىرىلىرىگە ياردەم بېرىدىكەن. (ۋەلى)