د ئۇ ق خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ چاقىرىقىغا قارشى بايانات ئېلان قىلدى
2007.09.06
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ، كومپارتىيىنىڭ 17 - نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى مەزگىلىدە بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش ھەققىدىكى چاقىرىقىغا قارشى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەندىشە قىلىۋاتقان مۇقىمسىزلىقنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتى تۈپەيلى مەيدانغا كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ پەيشەنبە كۈنى بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى 17 - نۆۋەتلىك قۇرۇلتاينىڭ بىخەتەر ئېچىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس يىغىن چاقىرغان، يىغىندا ھەر دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ سىياسىي ھۇشيارلىقنى ئاشۇرۇپ، خۇ جىنتاۋ رەھبەرلىك قىلىۋاتقان مەركىزى ھۆكۈمەت بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاش، سىياسىي نۇقتىدىن مەيدانغا كەلگەن مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا ماھىر بولۇش شۇنىڭدەك دۆلەتنىڭ ھاكىمىيىتىنى قوغداش تەشەببۈس قىلىنغان ھەمدە ئارمىيە ، ساقچى قىسىملىرىغا قويۇلغان تەلەپنى كۈچەيتىپ، قاتتىق ئىنتىزام، قاتتىق باشقۇرۇش، قاتتىق نازارەت قىلىش چارىلىرى بىلەن 17 - قۇرۇلتاينىڭ غەلىبىلىك ئاياغلىشىشىغا خىزمەت كۆرسىتىش تەكىتلەنگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھەر دائىم قۇرۇلتاي مەزگىلىدە بىخەتەرلىكنى كۈچەيتىش ھەققىدە چاقىرىق چىقىرىشى، ھۆكۈمەتنىڭ پۇقرالارغا بولغان ئەندىشىسىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، خەلقنىڭ نارازىلىقىدىن قورققان خىتاي ھۆكۈمىتى ، دېموكراتىك ئەللەردە ئەقەللىي ھوقۇق ھېسابلانغان كىشىلەرنىڭ " نامايىش قىلىش " ھوقۇقىنىمۇ قاتتىق باستۇرماقتا.
دىلشات رىشىت سۆزىدە يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ ئەڭ قاتتىق دەپسەندە بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپىنى يوق قىلىش، ئىشسىزلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش باھانىسىدا قىزلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش، دىنىي ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قالدۇرۇش، ئىزچىل كۆچمەن يۆتكەش قىلمىشلىرىدىن دېموكراتىك ئەللەر ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تولۇق خەۋەردار بولغانلىقىنى، شۇڭا خىتاينىڭ " ئولىمپىك" مۇراسىمىغا ساھىپخانلىق قىلىشقىمۇ لايىق ئەمەسلىكى دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدە تىلغا ئېلىنىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئاتاقلىق كىنو چولپىنى رىچارد گېر، خىتاينى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئوچۇق بولۇشقا چاقىردى
- ئەنگىلىيە مىنسىتىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلىشىنى تەلەپ قىلدى
- گرېتسىيىدىكى ئوت ئاپىتىدە 50 تىن ئارتۇق ئادەم ئۆلدى
- دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى گېرمانىيە باش مىنىستىرىنىڭ سەمىگە سالدى
- ئافېنادا بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا قارشى كىشىلىك ھوقۇق مەشئىلى ياندۇرۇلدى
- ئامېرىكا پارلامىنت ئەزالىرى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئۈچۈن ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىش ھەققىدە تەكلىپ سۇندى
- "خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ھەرىكەت قوللىنىدىغان پەيتى يېتىپ كەلدى"
- دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش ھەرىكىتى قوزغىدى
- خەلقئارادا بېيجىڭنىڭ ئولىمپىك ئۆتكۈزۈشىگە قارشى ھەرىكەتلەر كۈچەيمەكتە