خىتاينىڭ ئولىمپىك ھارپىسىدىمۇ كىشىلىك ھوقۇقنى داۋاملىق دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانماقتا

خەلقئارادىكى بىر قانچە تەشكىلاتلار پەيشەنبە كۈنى، بىردەك ھالدا خىتاينىڭ ئىزچىل تۈردە "ئولىمپىك " ھەققىدە بەرگەن ۋەدىسىگە خىلاپ ھەرىكەتلەرنى سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

مەركىزى جەنۋەدىكى خەلقئارا پۇقرالار يەر - زېمىن ھوقۇقىنى قوغداش مەركىزى، خىتاينىڭ " ئولىمپىك " ئۆتكۈزۈش باھانىسىدە ھەر ئايدا 13 مىڭ كىشىنى بېيجىڭدىن چىقىپ كېتىشكە مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى، بۇ ھەرىكەتنىڭ خەلقئارا قانۇنغا قەتئىي ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

مەزكۈر تەشكىلاتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي 2007 ‏- يىلى كىشىلەرنىڭ ماكانلىشىش ھوقۇقىغا ئەڭ ئېغىر دەخلى يەتكۈزگەن دۆلەت بولۇپ، بېيجىڭ قانۇنسىز ھالدا زور كۆلەملىك ئاھالە كۆچۈرۈش ھەرىكىتى قوزغاش ئارقىلىق ئىقتىسادنى تەرەققى قىلدۇرۇش ۋاستىسىنى يولغا قويماقتا.

بۇ ئارىدا يەنە، ئامېرىكىدىكى مۇخبىرلارنى قوغداش تەشكىلاتى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ 9 يىلدىن بۇيان دۇنيا بۇيىچە مۇخبىرلارنى ئەڭ كۆپ تۈرمىگە تاشلىغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

مۇخبىرلارنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھېچقاچان " ئولىمپىك" ئۆتكۈزۈلۈشتىن بۇرۇن، ئاخبارات ئەركىنلىكىنى ياخشىلاش ھەققىدە بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرمىغان بولۇپ، 9 يىلدىن بۇيان مۇخبىرلارنى جازالاش قىلمىشى ئېغىر 24 دۆلەت ئىچىدە بىرىنچى ئورۇننى ئىگىلەپ كەلگەن.

مەزكۈر تەشكىلات يەنە، خىتايدا جازالانغان مۇخبىرلارنىڭ 57 پىرسەنتى، ھۆكۈمەتكە قارشى يەنى دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنغان، دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلىغان، دۆلەت مەنپەئەتىگە دەخلى يەتكۈزگەن دېگەن جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

"ئولىمپىك" ھارپىسىدا خىتايدا ئىزچىل تۈردە يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ " ئولىمپىك" نى بايقۇت قىلىش پائالىيىتى ئۈچۈن يېتەرلىك ئاساس يارىتىپ بەرگەن بولسىمۇ، خەلقئارا " ئولىمپىك" كومتېتى بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئېنىق ئىپادە بىلدۈرمەي كەلمەكتە. شۇڭا كۆزەتكۈچىلەر ئەگەر " ئولىمپىك " خىتايدەك بىر دۆلەتتە ئۆتكۈزۈلسە ئۇنىڭ ئوبرازىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە خۇنۇكلىشىدىغانلىقىنى ئىپادىلىمەكتە. (ئەقىدە)