ئولىمپىك كومىتېتى ئاخبارات ئەركىنلىكى جەھەتتە بەرگەن ۋەدىسىنى ئاقلىمىدى


2008.02.04

دۈشەنبە كۈنى، باش شىتابى نيۇ يورك شەھىرىگە جايلاشقان بىر ئاخبارات ئەركىنلىك تەشكىلاتى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ، خىتايدا ئاخبارات ئەركىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە خىتايغا يېتەرلىك بېسىم ئىشلەتمىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مەزكۇر تەشكىلات، خىتاينىڭ دۇنيا بۇيىچە " ئاخباراتچىلارنى ئەڭ كۆپ تۈرمىگە تاشلايدىغان دۆلەت" ئىكەنلىكىنى، ھازىرغا قەدەر 29 يازغۇچىنىڭ خىتاي تۈرمىلىرىدە ئازاپ چېكىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، يازغۇچىلارنى قوغداش تەشكىلاتى ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى بوب دىئېتز، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ، بۇ جەھەتتە ھېچقانداق تەدبىر قوللانمىغانلىقىدىن "ھەيران" قالغانلىقىنى ئىپادىلىگەن ۋە ئۆز تەشكىلاتىنىڭ يىللىق دوكلاتىدا، خىتاينىڭ ۋە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئۆز ۋەدىسىدە تۇرمىغانلىقىنى كۆرسىتىپ، " خىتاي خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا ئاخبارات ئەركىنلىكىنى زور دەرىجىدە ياخشىلايدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن" دەپ ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇ خىتاينىڭ يازغۇچى ۋە ئاخباراتچىلارنى ئىزچىل قولغا ئېلىپ 9 يىلدىن بۇيان بۇ جەھەتتە دۇنيا بۇيىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ كەلگەنلىكىنى ھەمدە خىتاينىڭ ھازىر توردا ماقالە ئېلان قىلغانلارنى كۆپرەك قولغا ئېلىۋاتقانلىقىنى، ھازىرغىچە قولغا ئېلىنغان 29 نەپەر يازغۇچىنىڭ 18 نەپىرىنىڭ توردا ماقالە ئېلان قىلغان يازغۇچىلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىكىدىن بۇرۇن تۈرمىدە يېتىۋاتقان يازغۇچىلارنى قويۇپ بېرىشكە چىقاردى.

ھازىر خىتايدا تۈرمىدە يېتىۋاتقان 29 نەپەر يازغۇچىنىڭ ئىچىدە 4 نەپىرى ئۇيغۇر ئىلىدىن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە، تارىخچى توختى موزارت، "ياۋا كەپتەر" ھېكايىسىنىڭ ئاپتورى نۇرمەمەت ياسىن، قەشقەر ئەدەبىياتىنىڭ سابىق تەھرىرى كۆرەش ھۆسەيىن قاتارلىقلار بار.

خىتاي 2001 - يىلى 2008 - يىللىق ئولىمپىك يىغىنىغا ساھىبخانلىقنى تالىشىش ئالدىدا 2008- يىللىق ئولىمپىك يىغىنىدىن بۇرۇن ئاخباراتنى ئەركىن قويۇۋېتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقى ھەققىدە دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ۋەدە بەرگەن ئىدى. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.