30 - مارت كۈنى 2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئولىمپىك مەش ئىلى گرېتسىيىنىڭ پايتەختى ئافىنا شەھىرىدە خىتاي ئولىمپىك كومىتېتىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى. بىراق، ئافىنا تەنھەرىكەت مەيدانىنىڭ سىرتىدا بىر توپ تىبەتلىكلەر شوئار توۋلاپ، مەشئەلنىڭ تاپشۇرۇلىشىغا توسقۇنلۇق قىلماقچى بولغاندا ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلغان.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى بۇ تىبەتلەرنىڭ 10 ئارتۇق ئادەم ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلغان بولۇپ، تىبەت پىداكارلىرى "تىبەتنى قۇتۇلدۇرىۋالايلى،" "تىبەتتىكى قىرغىنچىلىقنى توختىتايلى" دەپ شوئار توۋلاشقان.
ئولىمپىك مەشئىلىنى تاپشۇرۇش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، خىتاي بۇ مەشئەلنى مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن ئېلىپ كەتكەن ھەمدە 31 - مارت كۈنى بېيجىڭدا ئولىمپىك مەشئىلىنى كۈتۈۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەشئەل ئافىناغا يېتىپ كەلگەندە، گرېتسىيە ھۆكۈمىتى 1000 دىن ئارتۇق ساقچى چىقىرىپ، ئۇنى قاتتىق قوغداش چارىلىرىنى قوللانغان بولسىمۇ، بەرىبىر تىبەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىگە دۇچ كەلگەن. (ئۈمىدۋار)