ئافېنادا بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا قارشى كىشىلىك ھوقۇق مەشئىلى ياندۇرۇلدى


2007.08.10

دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن كىشىلىك ھوقۇقى پائالىيەتچىلىرى پەيشەنبە كۈنى گرېتسىيە پايتەختى ئافىنادا توپلىنىپ، بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا قارشى كىشىلىك ھوقۇق مەشئىلى ياندۇردى ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەشئىلىنىڭ يەرشارى ماراتون يۈرۈشىنى باشلىدى. بۇ پائالىيەت فالۇنگۇڭ تەرىقىتىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن قوزغالغان بولۇپ، بۇ ھەرىكەت كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. پائالىيەتنى تەشكىللىگۈچىلەر كىشىلىك ھوقۇقى مەشئىلىنىڭ 25 دۆلەتتە ئايلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

گرېتسىيە ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ تۇغۇلغان يۇرتى بولۇپلا قالماي، 2004 - يىلدىكى ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ساھىبخان دۆلىتىدۇر. گرېتسىيە ھەر يىلى ئافىنادا ئولىمپىك مۇسابىقىسى تۇغۇلغانلىقىنى خاتىرىلەپ كەلمەكتە ئىدى. كىشىلىك ھوقۇق مەشئىلى يېقىلغان كۈن، ئولىمپىك مۇسابىقىسى تۇغۇلغانلىقىنى خاتىرىلەش كۈنىگە توغرا كەلدى.

شۇ كۈنى كۆپ قىسىمى گرېكلەر ۋە خىتايلارنى ئاساس قىلغان 300 دەك كىشى پايتەخت ئافېنادىكى سىنتاگما مەيدانىدا كىشىلىك ھوقۇق مەشئىلىنى يېقىش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن. كانادا كىشىلىك ھوقۇقى پائالىيەتچىسى دەيۋىد كىلگور، بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغۇچى زاتلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ مۇراسىمدا "يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بېرى خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ تېخىمۇ ناچارلىشىپ كەتكەنلىكىدىن ھېچكىم شۈبھىلەنمەيدىغانلىق " ىنى بىلدۈردى. كىلگور،" كىشىلەر مۇسابىقىنى بايقۇت قىلىش قارارىنى ئۆزى تاللاش كېرەك " دەيدۇ. ئاۋستىرالىيىلىك تەنتەربىيىچى جېين بېكېر،" ئىنسان قەدىر ‏- قىممىتىنىڭ تەنتەربىيىدىن مۇھىم" ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش ھەققىدىكى ئېغىر بېسىمىغا دۇچ كەلمەكتە. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.