خەلقئارا ساقچى ئورگىنى 2008 ‏- يىل ئولىمپىكىنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇم نىشانى بولۇش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى كۆرسەتتى

خەلقئارا ساقچى ئورگىنىنىڭ رەئىسى رونالد نوبېل، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاۋغۇست ئېيىدا ئىچىلىدىغان بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئۈچۈن، ناھايىتى يۇقىرى ئۆلچەملەردە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئالغانلىقىنى، لېكىن يەنىلا، ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىننىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمنىڭ نىشانى بولۇش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى بىلدۈردى.

رونالد نوبېل سەيشەنبە كۈنى خوڭكوڭدا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، خەلقئارا ساقچى ئورگىنى بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئۈچۈن ئېلىنغان بىخەتەرلىك تەدبىرلەردىن رازى. لېكىن خىتاي ۋە رايوندىكى دۆلەت بىخەتەرلىك دائىرىلىرى، ئولىمپىك تەنھەرىكىتى جەريانىدا تېررور تەھدىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ناھايىتى ھوشيار بولۇشى كېرەك" دېگەن.

ئولىمپىك جەريانىدا تېررورلۇق ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىلىش ئېھتىماللىقى ھەققىدە ئېنىق بىر ئۇچۇر يوقلۇقىنى تەكىتلىگەن خەلقئارا ساقچى ئورگىنىنىڭ رەئىسى رونالد نوبېل، لېكىن ئېھتىياتچانلىق، كىشىنى بۇنداق بىر ئىش يۈز بېرىدىغاندەك تەييار تۇرۇشقا مەجبۇرلايدۇ، دەپ كۆرسەتتى.

رويترىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خەلقئارا ساقچى ئورگىنى، بېيجىڭ ئولىمپىكىنى ئەلقائىدە ۋە باشقا تېررور تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاساسلىق ھۇجۇم نىشانى بولالايدۇ دەپ كۆرسەتكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە، قايسى تەشكىلات ۋە ياكى گۇرۇپپىلارنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى ئۆزىنىڭ ھۇجۇم نىشانى قىلىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئوچۇق ‏- ئاشكارا ئىپادە بىلدۈرمىگەن. لېكىن ئۆتكەن ئاي خىتاينىڭ ئالىي دەرىجىلىك بىر خادىمى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئۈچۈن تەھدىت دەپ كۆرسەتتى. (ئۆمەر قانات)