ئولىمپىك مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتلەر خىتايدا ئۆزگىرىش ھاسىل قىلالمايدۇ
فرانسىيە ئاگېنتلىقى پەيشەنبە كۈنى، نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن فرانسىيىلىك خىتاي يازغۇچى گاۋ شىڭجەننىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، بېيجىڭ ئولىمپىكى مۇناسىۋىتى بىلەن نارازىلىق پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق خىتايدا ھەر قانداق بىر ئۆزگىرىشنى مەيدانغا كەلتۈرگىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
گاۋ شىڭجەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئولىمپىك ھۆكۈمەت ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلە بولۇپ، ئۇ خەلق بىر تەرەپ قىلالايدىغان ئىش ئەمەس، خىتاينىڭ بۇ قېتىم ئولىمپىكنى ئۆتكۈزۈش سالاھىيىتىگە ئىگە بولالىشى، ھۆكۈمەتلەر ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان قارارلار تۈپەيلى ۋۇجۇتقا كەلگەن. گاۋ شىڭجەن سۆزىدە يەنە مۇنداق دەيدۇ" شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن، غەرب ئەللىرى خىتايدىن قورقماسلىقى كېرەك، چۈنكى خىتاينىڭ مۇھىملىقى مەدەنىيەت جەھەتتىن ئەمەس، بەلكى ئىقتىسادىي جەھەتتىن بولۇپ، خىتاينىڭ ئۇرۇشخۇمار دۆلەت ئەمەسلىكىنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك."
كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ قاراشلىرى، گاۋ شىنجەننىڭ قارىشى بىلەن بىردەك بولۇپ، خىتايدا ئولىمپىك ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق بۇ دۆلەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ياخشىلاش ۋە ياكى ھەر خىل نارازىلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن دۆلەت ھاكىميىتىدە ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىش قۇرۇق ئارزۇ - ئارماندىن ئىبارەت ئىكەن. شۇڭا ئۇلار، خىتايدا دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك بەرپا قىلىش دېموكراتىك ئەللەر ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغان مۇھىم بىر ۋەزىپە دېيىشمەكتە. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئامېرىكىنى خىتاي كىشىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدە سۆزى بىلەن ھەرىكىتى بىردەك بولۇشقا چاقىردى
- گوللاندىيە پارلامېنتىدىكى خرىستىئانلار بىرلەشمىسى ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىش پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى
- خىتاي ھوللىۋۇد رېژىسسورىنىڭ ئولىمپىكقا قاتنىشىشتىن ۋاز كەچكەنلىكىگە قارىتا ئىنكاس قايتۇردى
- خوللىۋۇتنىڭ فىلىم دىرېكتورى سپىلبېرگ ئەپەندى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىن چېكىندى
- ئەنگىلىيە ئولىمپىك جەمئىيىتى ئۆز تەنھەرىكەتچىلىرىگە ئولىمپىكتا سىياسى مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويماسلىق تەكلىپى بەرگەن
- نوبېل مۇكاپاتى ساھىپلىرى خىتاي پرېزىدېنتى خۇ جىنتاۋغا خەت يازدى
- خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۇشنى خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى
- جەنۇبىي ئاستانە گېزىتىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى قويۇۋېتىلدى
- ئولىمپىك كومىتېتى ئاخبارات ئەركىنلىكى جەھەتتە بەرگەن ۋەدىسىنى ئاقلىمىدى
- ئۇيغۇر بوكسيور مۇھەممەد تۇرسۇن ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى
- خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بېسىمىغا تىز پۈكمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى