خىتاي 2004 - يىلدا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىشتىكى رېكورتىنى ساقلاپ قالدى


2005.06.24

مەركىزى ئىتالىيىنىڭ پايتەختى رىمدىكى ئۆلۈم جازاسىغا قارشى تۇرۇش خەلقئارا تەشكىلاتىنىڭ جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، يەر شارى بويىچە بالا چۈشۈرۈشكە قارشى تۇرۇش ئېقىمى 2004 - يىلدا داۋاملىق كۆچەيگەن، ئەمما شۇ يىلى دۇنيا بويىچە ئاز دېگەندە 5476 كىشى ئۆلۈم جازاسى بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن.

"كەيىننىڭ قولى" دەپ ئاتالغان مەزكۇر تەشكىلات، دۇنيا بويىچە جاللاتلار قولىدا ئۆلگەن 5476 كىشىنىڭ ئاز دېگەندە 5 مىڭى خىتايدا ئىجرا قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. خىتايدىن قالسا ئۆلۈم جازاسى ئەڭ كۆپ ئىجرا قىلىنغان دۆلەت ئىران بىلەن ۋېيتنام ئىكەن. ئىراندا 2004 - يىلى 197 كىشى، ۋېيتنامدا 82 كىشىنىڭ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغان.

مەزكۇر تەشكىلات ئۆلۈم جازاسى ھەققىدىكى دوكلاتىدا، ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغان 58 دۆلەتنىڭ 44 ئى "دىكتاتۇر، ئىستىبدات ۋە ئەركىن بولمىغان دۆلەتلەر،" دەپ كۆرسەتتى. "كەيىننىڭ قولى" دېگەن ئاتالغان مەزكۇر تەشكىلات 1993 - يىلى بريۇسسېلدا قۇرۇلغان.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتايدا ئۆلۈم جازاسى بىلەن جازالانغانلار سانى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ئورگانلىرىنىڭ مەلۇماتىدىن كۆپ ئارتۇقكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆلۈم جازاسى بىلەن جازالانغانلار سانىنى دۆلەت مەخپىيەتلىكى، دەپ قارىغاچقا ھازىرغا قەدەر بۇ ھەقتە سانلىق مەلۇمات ئېلان قىلىپ باقمىغان.

ئۇيغۇرلار خىتايدا سىياسى سىياسىي سەۋەبلەر بىلەن ئۆلۈم جازاسى بېرىلىۋاتقان بىردىن - بىر خەلق ھېسابلىنىدۇ.(ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.