خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاينى ئۆلۈم جازاسى ھەققىدىكى ئىسلاھاتىنى تېزلىتىشكە چاقىردى
2005.10.06
باش شتابى لوندوندىكى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاينىڭ ئۆلۈم جازاسىغا مۇناسىۋەتلىك قانۇن تۈزۈملىرىنى ئىسلاھ قىلىشنى تېزلىتىشكە چاقىردى.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۆلۈم جازاسىنى قايتا تەكشۈرۈپ بېكىتىش ھوقۇقىنى مەركىزىي ئالىي سوت مەھكىمىسىگە ئۆتكۈزۈپ بەرمەكچى بولغانلىقىنى قارشى ئالدى. ئەمما مەركۈز تەشكىلات، بۇ تەدبىرنىڭ ئۆلۈم جازاسى بېرىش جەريانىنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىگە ئۇيغۇن كىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.
خىتاي ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئۆتكەن ئايدا، مەخسۇس ئۆلۈم جازاسىنى قايتا تەكشۈرۈپ بىكىتىش ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان ئۈچ جىنايى ئىشلار سوتىنى تەسىس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە بۇ ئارقىلىق خاتا كېسىلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن ئىدى.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى باياناتىدا، "بۇ تەدبىر يىتەرلىك ئەمەس. خىتاي چوقۇم باشقا قوشۇمچە تەدبىرلەرنىمۇ ئېلىشى كېرەك. مەسىلەن ، ئۆلۈم جازاسى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاش، ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدىغان جىنايەت تۈرلىرىنى ئازايتىش قاتارلىقلار" دەپ بىلدۈردى.
خىتايدا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدىغانلارنىڭ سانى يەنىلا دۆلەت مەخپىيەتلىكى ھېسابلىنىدۇ. خىتاي ئادەتتە ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتتىلا سىياسىي ۋە دىنىي مەھبۇسلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىدۇ.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتايدا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلەرنىڭ سانى دۇنيانىڭ باشقاجايلىرىدا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلەر سانىنىڭ يىغىندىسىدىنمۇ كۆپ. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتايدا ئۆلۈم جازاسىنى تەدبىقلاش ھوقۇقىنى ئالى سوت ئۆتكۈزۈۋالىدۇ
- خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى پرېزىدېنت بۇشنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە خۇ جىنتاۋغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى
- خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى: بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى خىتاي كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش ئۈچۈن بىر پۇرسەت
- خىتاي زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى تۇرۇش كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن مەملىكەت بويىچە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلدى
- خىتاي 2004 - يىلدا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىشتىكى رېكورتىنى ساقلاپ قالدى