خۇ جىنتاۋ شۋېتسىيە زىيارىتىدە ئۆلۈم جازاسى مەسىلىسىدە بېسىمغا دۇچ كېلىشى مۈمكىن
2007.06.08
خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ گېرمانىيىدە چاقىرىلغان 8 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ باشلىقلار يىغىنىغا كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە قاتناشقاندىن كېيىن، جۈمە كۈنى شىمالىي ياۋروپادىكى ئەڭ دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ بىرى شىۋېتسىيىدە ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىنى باشلىدى. شۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا ئەسكەرتىشىچە، شۋېتسىيە خۇ جىنتاۋنىڭ زىيارىتى جەريانىدا خىتاي كىشىلىك ھوقۇقى خاتىرىسىنى يۈز خاتىرە قىلمايلا تەنقىد قىلماقچى، بولۇپمۇ خىتاينىڭ ئۆلۈم جازاسىنى كەڭ - كۆلەمدە ئىجرا قىلىش سىياسىتىنى تەنقىد قىلماقچى ئىكەن.
خىتاي دۇنيا بويىچە ئۆلۈم جازاسىنى ئەڭ كۆپ ئىجرا قىلىدىغان دۆلەت سۈپىتىدە، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا سىياسىي مەھبۇسلار ۋە شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىلچى زاتلىرىغا ئۆلۈم جازاسى بېرىدىغان دۆلەت سۈپىتىدە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچى ئورگانلارنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىماقتا ئىدى.
لېكىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆلۈم جازاسىنى "جانغا - جان ئېلىش خەنزۇ خەلقىنىڭ مەدەنىيەت خاراكتېرىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تارىخىي ئەنئەنە،" دەپ ئاقلىماقتا. شۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كارل بىلدت، خىتاي بىلەن شۋېتسىيىنىڭ ئۆلۈم جازاسىغا تۇتقان پوزىتسىيىسى ۋە كۆز قارىشىدا زور پەرقلەر بارلىقىنى ئەسكەرتىپ، "بىز چوقۇم بىزنىڭ قارىشىمىزنى ئوتتۇرىغا قويىمىز ۋە بىز ئىزچىل تۈردە شۇنداق قىلىپ كېلىۋاتىمىز، " دېدى.
بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ قېتىمقى زىيارەت خۇ جىنتاۋنىڭ شۋېتسىيىنى تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلىشى ئىكەن. شۇ كۈنى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ شۋېتسىيە شۆبىسى، شۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتى قاتارلىق ئورگانلار خۇ جىنتاۋغا قارشى كىچىك كۆلەملىك نامايىش ئۇيۇشتۇرغان. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتايدىن ئۆلۈم جازاسىنى ئازايتىشنى تەلەپ قىلدى
- ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى دارفۇر مەسىلىسىدە خىتايغا قارىتا قانۇن لايىھىسى ماقۇللىدى
- چ م ت مۇخبىرلارنىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەتنى زىيارەت قىلىش - قىلالماسلىقىغا ئېنىقلىما بېرىشنى تەلەپ قىلدى
- خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلدى
- كانادا مەتبۇئاتلىرىدا بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى بايقۇت قىلىش مەسىلىسى مۇنازىرە قىلىنماقتا
- خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى خىتاينىڭ كىشلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى تەكشۈرىدىغان ياخشى پۇرسەت ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى
- فرانسىيە پرېزىدېنت كاندىداتى فرانكويس بايرو خىتاينىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقوت قىلىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى
- بېيجىڭ دائىرىلىرى زەھەرلىك چېكىملىك خۇمارى بار كىشىلەرنى سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش لاگىرىغا ئەۋەتمەكچى