خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتلىرىدىن بولغان كىشىلىك ھوقۇقنى كۈزۈتىش تەشكىلاتى پەيشەنبە كۈنى، ئىراننىڭ 18 ياشتىن تۆۋەن ياش - ئۆسمۈرلەرنى قەتلىئام قىلىشنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلدى.
مەزكۈر تەشكىلاتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىران دۇنيا بۇيىچە ياش - ئۆسمۈرلەرنى ئۆلۈم جازاسى بىلەن ئەڭ كۆپ جازالايدىغان دۆلەتلەردىن بىرى بولۇپ، ئىراندا 2004 - يىلىدىن بۇيان 18 ياشتىن تۆۋەن 17 ئۆسمۈر قەتلىئام قىلىنغان.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى يەنە، ئىراندا 15 ياشلىق بالىلارنىڭمۇ ئۆلۈم جازاسى بىلەن جازالانغانلىقىنى تەكىتلىدى.
2004 - يىلىدىن بېرى، يەنە 3 دۆلەتتە ياش - ئۆسمۈرلەرگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن بولۇپ، سۇداندا ئىككى نەپەر ياش - ئۆسمۈر ئۆلتۈرۈلگەن. بۇنىڭدىن باشقا خىتاي بىلەن پاكىستاندا بىردىن ياش - ئۆسمۈر ئېتىپ تاشلانغان.
ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 5" - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى" نى باستۇرۇش جەريانىدا بىر مۇنچە ئۇيغۇر ياش - ئۆسمۈرلىرىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. (ئەقىدە)