ئامېرىكا ساقچىلىرى يېڭى يىل كۈنى نيو-يوركتىكى ب د ت باش شتابىنىڭ بىناسى ئالدىدا ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش ھەققىدە تەھدىد سالغان بىر خىتاينى قولغا ئالدى.
رويتىرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۆزىنىڭ ئامېرىكىدا مەڭگۈ تۇرۇشلۇق سالاھىيىتى ئالالمىغانلىقىدىن نارازى بولغان بىر ئەر، ب د ت باش شتابى بىناسىنىڭ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئىشىكى ئالدىدا ئۆزىنىڭ گېلىغا پىچاق تەڭلەپ، خىتاي تىلىدا ۋاقىرىغان.
ساقچىلار شۇ ھامان نەق مەيدانغا يىتىپ كېلىپ، ئۇنىڭ پىچىقىنى تارتىۋالغان ھەمدە ئۇنى تۇتۇپ كەتكەن. نيو-يورك ساقچى دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەندە ب د ت نىڭ باش سېكرىتارى كوفى ئەننان بىنادا بولۇپ، ساقچى دائىرىلىرى بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ، ب د ت نىڭ بىناسى سىرتىدىكى كوچىدا قاتناشنى چەكلىگەن.
خەۋەرگە قارىغاندا، نيو-يورك ساقچى دائىرىلىرى ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئەرز سۇنمايدىكەن. ئەمما ئۇنى روھىي تەكشۈرۈشكە بېرىشقا بۇيرۇيدىكەن. (ئارزۇ)