ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشى ئۆسمۈرلەرنى ئەسكەرلىككە ئالىدىغان جىنايىي قىلمىشلارنى ئەيىبلىدى

2 ‏- ئاينىڭ 12 ‏- كۈنى ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىدە، ئۆسمۈرلەر فوندى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئان ۋېنىمان خانىم، فرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بېرنارد كاۇچنېر ۋە باش ئورگىنى نيۇيورك شەھىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ باشلىقلىرى ئىسپاتلىق بېرىپ، 13 دۆلەتتە ئۆسمۈرلەرنى ئەسكەرلىككە ئېلىپ ئۇرۇشقا قاتناشتۇرىدىغان جىنايىي قىلمىشلارنى ئەيىبلىدى.

شۇنداقلا، ئۆسمۈرلەرنى قىرغىنچىلىققا سالىدىغان، ئۆسمۈرلەرگە باسقۇنچىلىق قىلىدىغان، ئۆسمۈرلەرنى جىنىسىي شەھۋانىيلىققا سالىدىغان جىنايىي قىلمىشلار ئەۋج ئالغانلىقىنى ئەيىبلىدى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ب د ت نىڭ بىخەتەرلىك كېڭىشىدە ئۆسمۈرلەرنى ئەسكەرلىككە ئېلىپ ئۇرۇشقا قاتناشتۇرۇش مەسىلىسنى ئەيىبلەپ ئىسپاتلىق بەرگەن كىشىلەر سۆزىدە، بۇ خىل مەسىلىلەردە ئافغانىستان، بۇرۇندى، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى، كونگو، بېرما، نېپال، سومالى، سۇدان، كولۇمبىيە، سىرىلانكا، ئۇگاندا، چات قاتارلىق دۆلەتلەرنى نۇقتىلىق تىلغا ئالدى. (ۋەلى)