ئەزەربەيجاننىڭ باكۇ شەھىرىدىكى بىر سودا بازىرىغا ئوت كەتتى


2005.02.07

ئەزەربەيجان پايتەختى باكۇ شەھىرىنىڭ 30 ك م سىرتىدىكى بىر توپ تارقىتىش بازىرىغا جۈمە كۈنى ئوت كەتتى. خەۋەرلەردە ئاشكارىلىشىچە، ۋەقەدە بىر قىسىم خىتاي تىجارەتچىلەرنىڭ دۇكانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مىڭدىن ئارتۇق دۇكان كۆيۈپ كەتكەن.

ئەزەربەيجاندىكى ئۇيغۇر تىجارەتچىلەردىن ئىگىلىشىمىزچە، ئوت ئاپىتى باكۇدىكى "بىنا سودا بازىرى" دا يۈز بەرگەن. خوڭكوڭ مەتبۇئاتلىرى، ۋەقەدىن كېيىن ئەزەربەيجاندا تۇرۇشلۇق خىتاي ئەلچىخانىسىدىكى خادىملارنىڭ نەق مەيدانغا بېرىپ، خىتاي تىجارەتچىلەردىن ھال سورىغانلىقىنى بىلدۈردى. خوڭكوڭدىكى خىتايچە چىقىدىغان "مىڭباۋ" گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋەقەدە بىر خىتاي تىجارەتچىنىڭ دۇكىنى زىيانغا ئۇچرىغان شۇنداقلا خىتاي ئەلچىخانىسىدىكىلەر باكۇدىكى خىتاي تىجارەتچىلەرنى مال - مۈلكى ۋە كىشىلىك بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇپ، ھەر قانداق قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا دەرھال ئەلچىخانىغا خەۋەر قىلىشنى تاپىلىغان.

باكۇدا تۇرغان ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر، ئوت ئاپىتىدە بىۋاستە زىيانغا ئۇچرىغان ئۇيغۇرلار بولمىسىمۇ بىراق، "بىنا توپ تارقىتىش بازىرى" دىكى ئەزەربايجانلىق دۇكاندارلارغا نېسىگە مال بەرگەن ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

باكۇدىكى ۋەقە ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە كاۋكازىيە رايونىدا يېقىنقى 3 يىل ئىچىدە يۈز بەرگەن سودا بازىرىدىكى 2 - چوڭ ئوت ئاپىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 2002 - يىلى 2 - ئاينىڭ 14 - كۈنى قىرغىزىستاننىڭ بېشكەك شەھىرىدە توربازىدىكى بازارغا ئوت كېتىپ، بازاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نەچچە يۈز دۇكىنى پۈتۈنلەي ۋەيران بولغان. قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى ئوت ئاپىتىنىڭ ئېلېكتىر سىمىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. بېشكەكتىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئەينى چاغدا ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنى غاۋغا چىقارماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغان. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.