ئۆتكەن ھەپتىدە ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىدا دەھشەتلىك ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، 640 مىڭ ئادەم ماكانلىرىدىن سرتقا كۆچۈرۈلگەن ئىدى. بۇ ئامېرىكا تارىخىدا يۈز بەرگەن ئەڭ چوڭ رايون خاراكتېرلىك زور ئوت ئاپىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ ئوت ئاپىتى سېندىياگو رايونىدا 590 مىڭ كۋادرات ئېنگىلىز چاقىرىمى دائىرىسىگە كېڭەيگەن. بۇ ئوت ئاپىتىدە 1800 ئۆي-تۇرالغۇ كۆيۈپ كەتكەن. 14 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان. 800 كۋادرات ئېنگىلىز چاقىرىمى كۆلىمىدىكى زېمىن كۆيۈپ كۈلگە ئايلانغان. زىيان مىقدارى يۈز مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ. بۇ ئوت ئاپىتىدە يەنە، لوس ئانجىلىس شەھىرىنىڭ جەنۇبىدا 15 ئۆي -تۇرالغۇ كۆيۈپ كەتكەن.
بۇ ئوت ئاپىتى كونترول قىلىنغاندىن كېيىن ئېنىقلىنىشىچە، 10 - ئاينىڭ 21 - كۈنى بۇكۋېد رايونىدىن باشلانغان بۇ دەھشەتلىك ئوت ئاپىتى بىر ئۆسمۈرنىڭ سەرەڭگە ئوينىشىدىن كېلىپ چىققان. (ۋەلى)