خىتاي، رۇسىيە ۋە ئىرانلار ئامېرىكىنى ئوتتۇرا ئاسىيادىن نېرى تۇرۇشقا ئاگاھلاندۇردى

شاڭخەي گۇرۇھىدىكى دۆلەتلەرنىڭ قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەك شەھىرىدە چاقىرىلغان باشلىقلار يىغىنىدا رۇسىيە، خىتاي ۋە ئىران رەھبەرلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنىڭ مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى ئۇلارنىڭ ئۆزىگە قويۇپ بېرىشكە چاقىرىپ، ئامېرىكىنى ئوتتۇرا ئاسىيادىن نېرى تۇرۇشقا ئاگاھلاندۇردى.

شاڭخەي گۇرۇھىدىكى رۇسىيە، خىتاي، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەر رەھبەرلىرى بىر كۈنلۈك باشلىقلار يىغىنى ئۈچۈن پەيشەنبە كۈنى قىرغىزىستاندا يىغىلدى. ئىران، موڭغۇلىيە، پاكىستان ۋە ھىندىستانلار كۆزەتكۈچى دۆلەتلەر، تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى بەردىمۇھەممەدوف مېھمان سۈپىتىدە قاتنىشىپ، ئېنېرگىيە، بىخەتەرلىك، تېررورىزم، زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكىگە قارشى تۇرۇش قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغاندىن كېيىن، قوشما ئاخبارات ئېلان قىلدى.

قوشما ئاخباراتتا، " ئاسىيانىڭ مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە بۇ رايوندىكى دۆلەتلەرنى ئاساس قىلىپ قۇرۇلغان مەۋجۇت تەشكىلاتلار ئەڭ ياخشى كاپالەتلىك قىلالايدۇ،" دېيىلگەن. جۈمە كۈنى پرېزىدېنت ۋلادىمىر پۇتىن، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ۋە شاڭخەي گۇرۇھىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنىڭ رەھبەرلىرى ئۇرالدىكى چېليابىنسكىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان مانېۋىرنى كۆزدىن كەچۈرىدۇ.

بىشكەكتىكى يىغىندا ئىران پرېزىدېنتى ماخمۇد ئەخمەدىنىجاد، ئامېرىكىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان پىلانى پۈتۈن رايوننىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالماقتا، دەپ ئەيىبلىدى. رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن يىغىندىكى سۆزىدە ئامېرىكىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارە تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ "شاڭخەي گۇرۇھىدىكى دۆلەتلەر ئۆزى دۇچ كېلىۋاتقان تەھدىتلەرنى ياخشى بىلىدۇ شۇنداقلا ئۇلار ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئۆزى مەسئۇل بولۇشى كېرەك،" دەپ كۆرسەتتى. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، رۇسىيە ئىراننىڭ شاڭخەي گۇرۇھىغا ئەزا بولۇشىنى قوللىسىمۇ، لېكىن خىتاي ئىران قوبۇل قىلىنسا، بۇ تەشكىلات ئامېرىكىغا قارشى كۈچ، دېگەن تەسىرات يارىتىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىراننىڭ ئەزا بولۇشىغا قارشى تۇرماقتا ئىكەن. (ئەركىن)