ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرق ئىتتىپاقداش دۆلەتلىرىگە ھەربىي ياردەمنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە
2007.07.31
ئامېرىكا دائىرىلىرى ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنى زور مىقداردا ھەربىي ياردەم بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق، ئىران كېڭەيمىچىلىكىگە تاقابىل تۇرۇش ئىستراتېگىيىسىنى بەلگىلىدى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاندىلىزا رايىس دۈشەنبە كۈنى 10 يىل ئىچىدە مىسىرغا 13 مىليارد ئامېرىكا دوللارلىق ھەربىي قورال سېتىپ بېرىدىغانلىقىنى، ئوخشاشلا ئىسرائىلىيىگىمۇ 10 يىل ئىچىدە 30 مىليارد دوللارلىق ھەربىي قورال سېتىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كاندىلىزا رايىس دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گېيتىس بىلەن بىرگە ، ئوتتۇرا شەرقنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئىراقنىڭ ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش مەقسىتىدە ۋاشىنگتوندىن ئايرىلىپ، پارىس قولتۇقىدىكى 5 دۆلەتكە قاراتقان زىيارىتىنى باشلىۋەتتى.
بۇ ئارىدا ئامېرىكا ھۆكۈمەت خادىملىرى يەنە، ئامېرىكىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە پارىس قولتۇقىدىكى ئەرەب دۆلەتلىرىگە 20 مىليارد دوللار قىممىتىدە قورال سېتىپ بېرىشنى پىلان قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
كاندىلىزا رايىس ئوتتۇرا شەرقتىكى زىيارىتىنى باشلاشتىن بۇرۇن، ئىرلاندىيە جۇمھۇرىيىتىدە مۇخبىرلارغا " : شەك - شۈبھىسىزكى ، ئىران ئامېرىكا ۋە ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىنىڭ مەنپەئەتىدىكى بىر چوڭ تەھدىت ھېسابلىنىدۇ "دېدى.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىگە ھەربىي ياردەم كۆرسىتىشى، ئىران كېڭەيمىچىلىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىن مەيدانغا كېلىدىغان زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلىدىكەن. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي : ئىراقتا بايقالغان خىتاي قوراللىرى ھەققىدە ئىنكاس بىلدۈردى
- ئوتتۇرا شەرق تېنچلىق مەسىلىسى خادىملىرى تېنچلىق ۋەكىلى بىلايېر بىلەن ئۇچراشتى
- ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى 250 تۇتقۇننى قويۇپ بېرىدۇ
- تالابانى خىتايدىن قورال سېتىۋېلىپ ساقچىلارنى قوراللاندۇرماقچى
- خىتاينىڭ ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى جايلاشقان مېھمانخانىدا پارتلاش يۈز بەردى
- ئىراقتا 11 نەپەر ئامېرىكا ھەربىي خادىمى ھاياتىدىن ئايرىلدى
- كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئىراندىن ياش - ئۆسمۈرلەرنى قەتلىئام قىلىشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى
- ئىراق ۋە ئافغانىستانلاردا يۈز بېرىۋاتقان توقۇنۇشلار داۋاملاشماقتا
- ئىران خىتايدا ئىستراتېگىيىلىك نېفىت زاپىسى ئامبىرى قۇرۇش پىلانى ئۈستىدە خىتاي بىلەن سۆھبەتلەشمەكتە
- ئەنگىلىيە ئارمىيە رەھبەرلىرى ئەنگلىيىنىڭ ئىراقتىكى ئەنگىلىيە ھەربىي قىسىملىرىنى چىكىندۈرۈشنى تەلەپ قىلىماقچى