ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق سۆھبىتى باشلاندى


2007.11.27

خەلقئارا ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق سۆھبىتى، 50 تىن ئارتۇق تەشكىلات ھەمدە دۆلەت ۋەكىللىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن سەيشەنبە كۈنى، ئامېرىكا مەرىلەند شىتاتى ئەنناپولىس شەھىرىدە رەسمىي باشلاندى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش دۈشەنبە كۈنى كەچ يىغىننىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا قىسقىچە نوتۇق سۆزلەپ سۆھبەت قاتناشقۇچىلىرىغا ئېھتىرام بىلدۈردى ۋە "سۆھبەت ۋەكىللىرىنىڭ بىر يەرگە كېلىشىدىكى ئورتاق نىشانى ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن كرىزىسىنىڭ تىنچ يول بىلەن ھەل بولۇشى، ئۇلارنىڭ دېموكراتىك دۆلەتلەر قاتارىدا ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن، ئەمما بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش زور، يول قويۇشنى ھەم كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ " دېگەن.

بۇ سۆھبەت ئىسرائىلىيە تەرەپنىڭ ئون يىلدىن بۇيان 16 ئەرەب دۆلەتلىرى ھەم ئەرەب بىرلەشمىلىرى ۋەكىللىرى بىلەن تۇنجى قېتىم ئۇچرىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئىسرائىلىيىنى ئېتىراپ قىلمايدىغان سەئۇدى ئەرەبىستان ھەمدە سۈرىيىمۇ سۆھبەتكە قاتنىشىدۇ.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، تەرەپلەر مەزكۈر سۆھبەت نەتىجىسىدىن زور ئۈمىدلەر كۈتمەكتە. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.