ئىسرائىلىيە لىۋانغا داۋاملىق ھۇجۇم قىلماقتا


2006.07.19

ئىسرائىلىيىنىڭ چارشەنبە كۈنى لىۋانغا قاراتقان بومباردىمانىدا تەخمىنەن 20 گە يېقىن ئۆي ۋە بىنا ۋەيران بولدى. بۇ ئارىدا ھىزبۇللا تەشكىلاتى، لىۋان چېگرىسىدىن 50 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئىسرائىلىيىنىڭ ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئەمما بۇ خەۋەرنى ئىسرائىلىيە تەرەپ ئىنكار قىلغان.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى بۇ ھۇجۇملىرىدا لىۋاندىكى ھىزبۇللا قورال-ياراق ئىسكىلاتىنىڭ 50% ئىنى ۋەيران قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لىۋاندىكى ئىسلامىي تەشكىلات بولغان ھىزبۇللانىڭ ئۆتكەنكى 8 كۈندىن بۇيان ئىسرائىلىيىنىڭ شىمالىدىكى رايونلىرىغا قىلغان ھۇجۇمىدا 13 كىشى ئۆلگەن.

ئىسرائىلىيە تەرەپ چارشەنبە كۈنى يەنە، ئىسرائىلىيە ھۇجۇمىنىڭ ھىزبۇللانى نىشانلىغانلىقىنى لېكىن ھىزبۇللانىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بولغان ئىران بىلەن سۈرىيىگە چېقىلمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئىسرائىلىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى شىموم پېرېس " بىز ئىران بىلەن سۈرىيىنى دۇنيا جەمئىيىتىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا سۇندۇق. بىزنىڭ دۇنيا تەرتىۋىنى بۇزۇش نىيىتىمىزنىڭ يوقلىقىنى بىلىش مۇھىمدۇر" دەپ كۆرسەتتى.

ئىسرائىلىيىنىڭ سەيشەنبە كۈنى كەچتىن باشلاپ چارشەنبە كۈنىگىچە لىۋاندا داۋاملاشتۇرغان ھۇجۇملىرىدا ئاز دېگەندە 20 كىشى ئۆلگەن. شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلىيە لىۋانغا ھۇجۇم قوزغاپ ھازىرغىچە بولغان مەزگىلدە لىۋاندا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 246 گە يەتتى. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.