ئىسرائىلىيىنىڭ لىۋانغا قاراتقان ھاۋا ھۇجۇملىرى داۋاملىشىۋاتىدۇ
2006.07.25
ئىسرائىلىيىنىڭ لىۋانغا قاراتقان ھاۋا ھۇجۇملىرى داۋاملىشىۋاتىدۇ. ئىسرائىلىيە ھەربىي قىسىملىرى قۇرۇغلۇقتىنمۇ لىۋان تېررىتورىيىسىگە بېسىپ كىرگەن بولۇپ، سەيشەنبە كۈنى لىۋاننىڭ بىنت جەبىل شەھىرى ئەتراپىدا ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى بىلەن ھىزبۇللا جەڭچىلىرى ئوتتۇرىسدا قاتتىق توقۇنۇش يۈز بەرگەن. ئىسرائىلىيە قىسىملىرى بىنت جىبىل شەھىرىدىكى ھىزبۇللانىڭ ھەربىي شتابىنى قورشىۋالغان.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ھىزبۇللا جەڭچىلىرى ھەربىي جەھەتتىن ئۆزلىرىدىن ناھايىتى ئۈستۈن بولغان ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىگە قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتمەكتە. گەرچە ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى بنت جىبىل شەھىرىنىڭ كونتروللۇقنى قولغا ئالغانلىقىنى بايان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ خەۋەر تېخى مۇستەقىل مەنبەلەر تەرىپىدىن ئېنىقلانمىدى. توقۇنۇشلاردا 14 ئىسرائىلىيە ئەسكىرى يارىلانغان.
ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى دۈشەنبە كۈنى بىنت جىبىلنى ئېلىشقا تىرىشقان بولۇپ، لېكىن ھىزبۇللا جەڭچىلىرىنىڭ قاتتىق قارشىلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە شەھەرنىڭ سىرتىدا توختاپ قالغان ئىدى.
بۇ ئارىدا ئوتتۇرا شەرقتىكى توقۇنۇشلارنى توختىتىش ئۈچۈن دىپلوماتىيە پائالىيەتلىرىمۇ داۋاملىشىۋاتىدۇ. ئىككى كۈن ئاۋال لىۋان، ئىسرائىلىيە ۋە پەلەستىن رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنستىرى كوندالىزا رايىس بۇگۈن ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى ھەققىدە ئېچىلغان بىر خەلقئارا يېغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئىتالىيىنىڭ پايتەختى رىم شەھىرىگە كەلدى.
چارشەنبە كۈنى باشلىنىدىغان ۋە ئىسرائىلىيە بىلەن لىۋان ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشنى توختىتىشنى مەقسەت قىلغان بۇ يېغىنغا 15 دۆلەت ۋە ئۈچ چوڭ خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ ۋەكىللىرى قاتنىشىدىكەن. (قانات)