ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى ئېخۇد ئولمېرت چارشەنبە كۈنى ئىسرائىيىلىنىڭ لىۋاندىكى بومباردىمانىدا قازا قىلغان 4 نەپەر ب د ت خادىمىنىڭ ئۆلۈمىگە بولغان چوڭقۇر قايغۇسىنى ئىپادىلىدى ھەمدە بۇنىڭ بىر مەقسەتلىك ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇم ئەمەسلىكىنى كۈچلۈك ئەسكەرتتى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ئولمېرت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش سېكرىتارى كوففى ئاننانغا ۋەدە بېرىپ، ئۇلارنىڭ بۇ ۋەقە ئۈستىدىن تەلتۆكۈس تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ب د ت غا تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى دوكلات قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما كوففى ئاننان بۇنىڭدىن ئاۋال ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ ب د ت نىڭ لىۋاندىكى بۇ تىنچلىق قوغداش پونكىتىغا قەستەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى كۆرسەتكەن ئىدى.
كوففى ئاننان سۆزىدە يەنە، ب د ت نىڭ لىۋاندىكى بۇ پونكىتىنىڭ ئۇزۇن مەزگىلدىن بۇيان بۇ يەردە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغانلىقىنى ھەمدە ب د ت بەلگىسىنىڭ روشەن كۆرۈنۈپ تۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. سەيشەنبە كۈنى لىۋاننىڭ يەرلىك ۋاقتى كەچ سائەت 7 يېرىم ئەتراپىدا ئىسرائىلىيە لىۋاننىڭ جەنۇبىي رايونىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغان. بۇنىڭ نەتىجىسىدە بۇ يەردىكى ب د ت تىنچلىق قوغداش پونكىتى ۋەيران بولۇپ، 4 نەپەر خادىم قازا قىلغان.
ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىرى خىتاي پۇقراسى ئىكەن. خىتاي دائىرىلىرى بۇ مۇناسىۋەت ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىدىن بۇ ھەقتە كەچۈرۈم سوراشنى تەلەپ قىلدى ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشىنى بۇ ۋەقە سەۋەبلىك ئىسرائىلىيىنى كۈچلۈك ئەيىبلەشكە چاقىردى.
ئىسرائىلىيىنىڭ لىۋاندا 15 كۈندىن بۇيان ئېلىپ بېرىۋاتقان ھۇجۇملىرىدا ھازىرغىچە 418 نەپەر لىۋانلىق قازا قىلدى ھەمدە لىۋاندىكى ھىزبۇللا تەشكىلاتىنىڭ زەربىسىدە 42 ئىسرائىلىيىلىك ئۆلدى. (پەرىدە)