ئىسرائىلىيە لىۋانغا قاراتقان ھۇجۇمدا خەلقئارانىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە
2006.07.27
ئىسرائىلىيە تەرەپنىڭ پەيشەنبە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، رىم شەھىرىدە ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى بۇيىچە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا يىغىندا ئۇرۇش توختىتىش ھەققىدە جىددىي بىر تەلەپنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلمىغانلىقى، خەلقئارانىڭ ئىسرائىلىيىنىڭ لىۋانغا قاراتقان ھۇجۇمىغا يول قويغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
ئىسرائىلىيە ئەدىلىيە مىنىستىرى، رىمدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىننىڭ روھىغا ئاساسەن ، ئىسرائىلىينىڭ ئۆز ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ كۆپۇنچىسى شۇنىڭدەك رۇسىيە، ئەرەپ ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلىرى رىمدا ئېچىلغان يىغىنغا قاتناشتى. يىغىن ۋەكىللىرى، ئۇرۇشنىڭ مەڭگۇ توختىتىلىشى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان خىزمەتنى كۈچەيتىشنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بىراق دەرھال ئۇرۇش توختىتىش ھەققىدە بىرلىككە كېلەلمىگەن.
ئىسرائىلىيە ئەدىلىيە مىنىستىرى يەنە": ھەممە ئادەم ،ھىزبۇللا گۇرۇھىنىڭ غەلىبىسى ، تېررور دۇنياسىنىڭ غەلبىسى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ياخشى بىلىدۇ"دەپ كۆرسەتتى. ئۇ سۆزىدە يەنە": ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى يارىلىنىشىنى ئازايتىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ھاۋا ئارمىيىسىنى ئىشقا سېلىپ، ئاندىن قۇرۇقلۇق ئەسكەرلىرى ئارقىلىق ھۇجۇمنى كۈچەيتىشى كېرەك " دېدى.
مەزكۈر مىنىستىر، ئىسرائىلىيىنىڭ، لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى پۇقرالارغا بۇ جايدىن ئايرىلىش ئۈچۈن يېتەرلىك ۋاقىت بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ جايدىن ئايرىلمىغانلارنىڭ ھىزبۇللا گۇرۇھىنى قوللىغۇچىلار دەپ قارىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. لىۋان چېگرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەندىن بۇيان، ئاز دېگەندە 433 نەپەر لىۋانلىق، 53 نەپەر ئىسرائىيىلىك ئۆلتۈرۈلدى. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئىسرائىلىيە لىۋاندا قازا قىلغان ب د ت خادىملىرىغا قايغۇسىنى ئىپادىلىدى
- ئىسرائىلىيىنىڭ لىۋانغا قاراتقان ھاۋا ھۇجۇملىرى داۋاملىشىۋاتىدۇ
- كوندىلىزا رايىس لىۋاننى زىيارەت قىلدى
- سىياسەتچىلەر ئىسرائىلىيە بىلەن ھىزبۇللا ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ ئارقىسىدا ئىران بار دەپ قارىماقتا
- كونزىلىزا رايىس ئوتتۇرا شەرقنى زىيارەت قىلماقچى